تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئائۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە لىۋاننى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋان جۇمھۇر رەئىسى جوسېف ئائۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ لىۋاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان خەلقئارالىق مېخانىزملارنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان ئائۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە لىۋاننى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى
ئەردوغان ئائۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە لىۋاننى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن لىۋان جۇمھۇر رەئىسى جوسېف ئائۇن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

تۈركىيە ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ ھەمىشە لىۋاننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىدە زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەنقەرەنىڭ لىۋاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوللايدىغان خەلقئارالىق مېخانىزملاردا ۋەزىپە ئۆتەشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس يەنە، تۈركىيەنىڭ لىۋاندىن قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدىغان بىر پوزىتسىيە كۈتىدىغانلىقىنىمۇ ئىپادىلىدى.

رايون تەرەققىياتى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان ئەردوغان، سۈرىيەدىكى زور ئۆزگىرىشنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Lebanese soldier among those killed in Monday's Israeli strike, army says

«ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسى»

باياناتتا يەنە، ئەردوغاننىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسى»نى رەت قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان، غەززەدىكى ئۇرۇش جەريانىدا بىر يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، 2024-يىلى نويابىردا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن تۇرۇقلۇق ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 4000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ، 17 مىڭ ئادەم يارىلاندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن يانۋار ئېيىدا لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن چېكىنىشى كېرەك ئىدى، ئەمما بۇ چېكىنىش پەقەت قىسمەنلا ئىشقا ئاشتى. ئىسرائىلىيە بەش چېگرا پونكىتىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرماقتا.

 

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ