چاپېل ھىل شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ماكس پلانك ئىنسانىيەت تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھېس - تۇيغۇ ئۇقۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.
ئىنگلىز تىلىدىكى «love» سۆزى تۈرك تىلىغا «aşk»، ۋېنگىر تىلىغا «szerelem» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۇقۇم بۇ ئۈچ تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۈچۈن ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرەمدۇ؟
تەتقىقاتچىلار سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيادىكى ھېس - تۇيغۇ ئۇقۇملىرىنى تەتقىق قىلدى، بۇ ئارقىلىق غەزەپ، قورقۇنچ ۋە خۇشاللىق قاتارلىق ھېس-تۇيغۇلار ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنىڭ تىلىمىزغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
مىليونلىغان سۆزلىگۈچىسى بولغان تىللاردىن تارتىپ بىرنەچچە مىڭ سۆزلىگۈچىسى بولغان تىللارغىچە تەخمىنەن 2500 تىلدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ماقالە «Science» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.
ھېس – تۇيغۇلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بەزى سۆزلەر شۇنچىلىك ئۆزگىچىكى، خۇددى پەقەت مەلۇم بىر مەدەنىيەتكىلا خاستەكلا كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن، نېمىسچىدا «كۈچلۈك تەلپۈنۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «Sehnsucht» سۆزى ئىنگلىز تىلىدا ھېچقانداق ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ.
پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى باينىڭ خەلقى مېھمانلار ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن ھېس قىلىدىغان غەمكىنلىكنى ئىپادىلەيدىغان «awumbuk» سۆزىمۇ شۇنداق...
دۇنيا تىللىرىدا باشقا نۇرغۇن ھېس - تۇيغۇ ھالەتلىرىگە ماس كېلىدىغان سۆزلەر بار. بۇ ئەھۋال ئالىملارنى بۇ سۆزلەرنىڭ ھەرقايسى تىللاردىكى مەنىلىرىنىڭ قانچىلىك يېقىن ئىكەنلىكى ھەققىدە قىزىقتۇرماقتا.
تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن «كۆپ مەنىلىك ياكى ئاھاڭداش سۆزلەر» نى ئىشلەتكەن. بۇ بىر سۆزنىڭ بىردىن ئارتۇق مەنىسى بولۇپ، شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەنىلەرنى ئۇقۇم جەھەتتە ئوخشاش چۈشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن، ئىنگلىزچىدىكى «funny» سۆزى ھەم «كۈلكىلىك» ھەم «غەلىتە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دەرۋەقە، « كۈلكىلىك» ئەھۋال كۆپىنچە غەلىتە ئىشلاردا كۆزگە چېلىقىدۇ. رۇسچىدا «ruka» سۆزى ھەم «قول» ھەم «بىلەك» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ياپونچىدا «ki» ھەم «دەرەخ» ھەم «ياغاچ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. فىرانسۇزچىدا «femme» ھەم «ئايال كىشى» ھەم «خوتۇن» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
تەتقىقاتچىلار بىرلىككە كەلگەن ھېس - تۇيغۇ ئۇقۇملىرىدىن تەركىب تاپقان سۆزلەرنى توپلاپ، بۇلارنى تىل ۋە تىل ئائىلىلىرى ئارا سېلىشتۇردى. ئۇلار بۇ سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسى ئوخشاش بولسىمۇ ، لېكىن ئىنچىكە نۇقتىلاردا ناھايىتى زور پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى.
مەسىلەن، ئاۋسترونېزىيە تىللىرىدا «كۈتۈلمىگەندە» سۆزى «قورقۇنچ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە، جەنۇبىي-شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي خىتاينىڭ تايكاداي تىللىرىدا «ئۈمىد» ۋە «ئارزۇ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا «ئەندىشە» ئىبارىسى «غەزەپ» نى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلسە، ئاۋستروئاسىيا تىللىرىدا كۆپ ھاللاردا «قايغۇ» ۋە «پۇشايمان» نى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. «مەغرۇرلۇق» ئۇقۇمىمۇ مەدەنىيەتكە (مىللەتلەرنىڭ تىللارنى ئىشلىتىش مەدەنىيىتىگە) قاراپ ئىجابىي ياكى سەلبىي ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ.
«دەسلەپكى ھېس – تۇيغۇلار ئۆزگەرمەيدۇ» تېمىلىق ماقالىنىڭ پېشقەدەم يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور كرىستېن لىندقۇۋىست فىرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP) غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەر بىر تىل ئائىلىسىنىڭ ھېس - تۇيغۇنى چۈشىنىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم بىر بايقاشتۇر.»
تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئوخشاش ئورتاق سۆزلەرگە ئىگە تىل ئائىلىلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن ئىكەنلىكى، بۇ خىلمۇخىللىقنىڭ سودا-سېتىق، فەتىھ ۋە كۆچمەنلىك قانۇنىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.
بىراق بەزى ئالەمشۇمۇل بايقاشلارمۇ بار ئىدى: بارلىق تىللار ھېس - تۇيغۇلارنى تەجرىبىلەرنىڭ يېقىملىق ياكى يېقىمسىز بولۇشىغا، تۆۋەن ياكى يۇقىرى قوزغىلىش دەرىجىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىغا قاراپ ئايرىيتتى.
ناھايىتى ئاز ساندىكى تىللار تۆۋەن دەرىجىدە قوزغىلىش سەۋىيەسىگە ئىگە «قايغۇ» تۇيغۇسىنى يۇقىرى دەرىجىدە قوزغىلىش سەۋىيەسىگە ئىگە «غەزەپ» تۇيغۇسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارايتتى. ناھايىتى ئاز ساندىكى تىللار يېقىملىق «بەخت» تۇيغۇسىنى يېقىمسىز «پۇشايمان» تۇيغۇسىغا ئوخشىتاتتى.
بۇ قاراش مۇنۇ پىكىرنى قوللايدۇ: سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ مېڭىسىگە مەلۇم دەسلەپكى ھېس – تۇيغۇلار ئورناپ كەتكەن، ئىنسانلار مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان يېڭى تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، بۇلارغا يېڭىلىرىنى قوشماقتا.
ماقالىنىڭ باش يازغۇچىسى جوشۇئا جاكسون AFP گە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھېس - تۇيغۇلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى بار، لېكىن ئىنسانلار نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى بۇ قۇرۇلمىنى ئۆز مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئىچىدە بەرپا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.»
«ھېس - تۇيغۇلارنى ئاتاش ئۇسۇلىمىز ۋە ھېس - تۇيغۇلارنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىمىز بۇ باسقۇچنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن، شۇڭا بۇگۈنكى كۈندە ھېس - تۇيغۇلارنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىمىزدا ناھايىتى كۆپ خىلمۇخىللىققا ئىگىمىز.»


















