خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: «ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى ئامېرىكا ھۇجۇمىدا 5 پۇقرا ئۆلدى»
ئىران تاراتقۇلىرى ھۇجۇمدا بىگۇناھ پۇقرا يولۇچىلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ھەرىكەتنى ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ تېز سۈرئەتلىك كېمە پائالىيەتلىرىگە بولغان ئەندىشىسىدىن كېلىپ چىققان «ئالدىراقسان» بىر قارار دەپ سۈپەتلىدى.
ئىران: «ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى ئامېرىكا ھۇجۇمىدا 5 پۇقرا ئۆلدى»
ئىران: «ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى ئامېرىكا ھۇجۇمىدا 5 پۇقرا ئۆلدى» / Reuters

ئىران تاراتقۇلىرى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى كىچىك تىپتىكى يۈك كېمىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى نەتىجىسىدە 5 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى بىر ھەربىي مەنبەنى ئاساسقىلغان خەۋىرىدە، ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئومان قىرغىقىدىكى خاسابتن ئىرانغا ئادەم ۋە يۈك توشۇۋاتقان ئىككى كىچىك كېمىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھەربىي مەنبە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنى تىلغا ئېلىپ: «ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا تەۋە ئالتە تېز سۈرئەتلىك كېمىنى نىشانلىغانلىقى ھەققىدىكى يالغان دەۋاسىدىن كېيىن، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ھېچقانداق ئۇرۇش پاراخوتى زەربىگە ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك مەنبەلەر تەرىپىدىن بۇ دەۋانىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى» دېدى.

ھەربىي مەنبە ھۇجۇمدا بەش پۇقرا يولۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنى ئامېرىكانىڭ ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئىدارىسىنىڭ تېز سۈرئەتلىك كېمە مەشغۇلاتلىرىغا بولغان «قورقۇنچىسى» دىن كېلىپ چىققان «ئالدىراقسان» بىر ھەرىكەت دەپ سۈپەتلىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىدارىسى (CENTCOM) بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «سودا پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالغان ئىراننىڭ كىچىك كېمىلىرىنى» يوقىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا تىك ئۇچارلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ۋە بۇ پاراخوتلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقى جەريانىدا نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىدارىسى يەنە دۈشەنبە كۈنى ئىراننى ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ۋە سودا پاراخوتلىرىغا ئوق چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى باشلىشىدىن كېيىن رايون خاراكتېرلىك كەسكىنلىك ئەۋجىگە چىقتى. بۇ ھۇجۇملار تېھراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ۋە پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتا ئۆچ ئېلىشىغا ھەمدە ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

8-ئاپرېلدا پاكىستاننىڭ ۋاسپىچىلىقىدا بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلدى، ئەمما ئىسلامئابادتىكى سۆھبەتلەردە دائىمىي بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىدى. ئوق چىقىرىشنى توختىتىش مۇددىتى كېيىنچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن چەكسىز ئۇزارتىلدى.

ئامېرىكا 13-ئاپرېلدىن بۇيان ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى ئىران دېڭىز قاتنىشىنى نىشانلىغان بىر دېڭىز قامالىنى يولغا قويماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran says 'no military solution' to political crisis as it warns US, UAE over Hormuz tensions
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى