تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى ئىستانبۇل سۆھبىتىدىن پايدىلىنىشقا چاقىردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى ئىستانبۇل سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.
ئەردوغان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى ئىستانبۇل سۆھبىتىدىن پايدىلىنىشقا چاقىردى
/ AA
2025-يىلى5-ئاينىڭ29-كۈنى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى [لاۋروۋ] چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن بولغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل سۆھبىتىدە قولغا كەلگەن ۋەزىيەتنى موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىققا چاقىردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بىز رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ ھەر ئىككىلىسى بىلەن ئالاقىنى ساقلاۋاتىمىز. قولغا كەلتۈرگەن بۇ ۋەزىيەتنى مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ قارايمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتنىڭ ئىستانبۇلدا قايتا باشلىنىشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋنىڭ باياناتىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇ بىزنىڭ تىنچلىققا بولغان ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ [جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان] يەنە: «لاۋروۋ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەتنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئىستانبۇل تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىدۇ» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن بولغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

لاۋروۋ ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەتنى 2 -ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇكرائىنا تېخىچە رۇسىيەنىڭ بۇ تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇكرائىناغا باردى.

مىنىستىر خاقان فىداننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي، باش مىنىستىر دېنىس شمىگال، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۇمەروۋ، ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى ئاندرىي سىبىھا، شۇنداقلا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئاندرىي يېرماك قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا.

بۇ سۆھبەتلەردە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، جۈملىدىن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا دائىر سۆھبەتلەر ھەققىدىكى مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

16-ماي رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۈچ يىلدىن بۇيانقى تۇنجى بىۋاسىتە سۆھبىتىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ھەر بىرىدىن جەمئىي 1000 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا كېلىشكەنىدى.

تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدىكى سۆھبەت جەريانىدا، ھەر ئىككى تەرەپ يەنە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغانىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجان زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ۋە ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باكۇنى رايون تىنچلىقىنىڭ «مېمارى» دەپ ماختىدى.

ئىزدىنىڭ
خاقان فىدان ئىراننىڭ «پەردە ئارقىسى دىپلوماتىيەسى» گە ئوچۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھاماس ئىراننى قوشنا دۆلەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىققا چاقىردى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە كىشى قازا قىلدى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە 2000 كىلومېتىر مۇساپىلىق، سۈنئىي ئىدراكلىق «كامىكازې» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېلان قىلدى
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خارگ ئارىلىنى كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەردوغان: تۈركىيەنى رايوندىكى «ئوت قاينىمى» دىن يىراق تۇتۇش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ۋە ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدۇ
تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان بىر پاراخوت ھۆرمۈز بوغۇزىدىن ئۆتتى
پاكىستان باش مىنىستىرى شېرىف دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى «تولۇق قوللايدىغانلىقى» غا ۋەدە بەردى
ئىران تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ناتو تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى
رۇسىيە خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئۆزىگە موھتاجلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكاغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
پاكىستان ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرى ۋە بىر قىسىم چېگرا ۋىلايەتلىرىگە يېڭىدىن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئىران يادرو پىروگراممىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر – بىرىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتتىكى ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى