تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان يېقىنقى رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىنىڭ تىنچلىق يولىدىكى مۇھىم ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىنى تەكىتلىگەن خاقان فىدان: «سۆھبەتنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي ۋە نەتىجە يارىتىشقا قارىتىلغان يۆنىلىشتە كېتىۋاتقانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن كۆردۇق» دېدى.
فىدان يېقىنقى رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىنىڭ تىنچلىق يولىدىكى مۇھىم ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
/ AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئىستانبۇلدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ يېڭى سۆھبەتنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا بېسىلغان يەنە بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «قولغا كەلگەن ھەر بىر يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، تەرەپلەرنى تىنچلىققا بىر قەدەم تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ» دېدى.

تۈركىيە ساھىبخانلىقىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق بىۋاسىتە سۆھبەتتىن كېيىن سۆز قىلغان فىدان، ھەر ئىككى تەرەپتىن كەم دېگەندە 1200 ھەربىي ئەسىرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا پۈتۈشۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭ  يۇرتلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن قوشۇمچە قەدەملەرنىڭ بېسىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىنى تەكىتلەپ: «سۆھبەتنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي ۋە نەتىجە يارىتىشقا قارىتىلغان يۆنىلىشتە كېتىۋاتقانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن كۆردۇق» دېدى.

ئۇ تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەرنى كۈچەيتىش ۋە ئورتاق مەيداننى كېڭەيتىش ئۈچۈن بېسىلىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا سىياسىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ھەربىي ئىشلار بويىچە خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى تەسىس قىلىش ئىدىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تەرەپلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىسى يولىدا ئورتاق ئىرادە بەرپا قىلىشىغا يەنە بىر خىش قويۇلدى» دېگەن فىدان، «سۆھبەت سەۋرچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بولغان بىر جەرياندۇر. قولغا كەلگەن ھەر بىر يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، تەرەپلەرنى تىنچلىققا بىر قەدەم تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇكرائىنا ھەيئىتىنىڭ باشلىقى رۇستەم ئۇمەروۋ، كىيېۋنىڭ ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە پىرېزىدېنت دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا يەنە ئالدىنقى شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىدى.

رۇسىيە تەرەپ سۆھبەتچىسى ۋىلادىمىر مېدىنسكىي، ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى تەستىقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يارىدارلارنى بىخەتەر جايغا يۆتكەش ۋە ئەسكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مېدىنسكىي موسكۋانىڭ ئۇكرائىنالىق بالىلارنى قايتۇرۇشقا ئالاقىدار بىر تىزىملىكنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە تۆتىنچى قېتىملىق سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنىمۇ قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى