سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان قوراللىق كۈچلەر رەھبەرلىك قاتلىمىدا كەڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىشكە باشلامچىلىق قىلماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
US Air Force General and Director of the National Security Agency (NSA) Timothy Haugh attends a House Intelligence Committee hearing about worldwide threats, on Capitol Hill in Washington, DC, US, March 26, 2025. / Photo: Reuters / Reuters

ئامېرىكانىڭ مەخپىي ئىستىخبارات ئىدارىلىرىدىن بىرى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (NSA) نىڭ باشلىقى ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى پەيشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. بۇ قارار ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ غۇلغۇلا قوزغىدى.

«Washington Post» گېزىتى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، گېنېرال تىموتىي خوۋنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى يازدى. خەۋەردە، خوۋنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىلمىگەنلىكى ئىپادىلەندى.

خوۋ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بولغان ئورگىنى US Cyber Command نىڭمۇ باشلىقى ئىدى. بۇ ئورگان ھەم مۇداپىئە ھەم ھۇجۇم مەقسىتىدىكى تور ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

خوۋنىڭ ياردەمچىسى بولغان NSA نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېندى نوبلېنىڭمۇ ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە پېنتاگون ئىچىدىكى باشقا بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

NSA، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مەخپىي سىگنال ئىستىخبارات ئورگىنى سۈپىتىدە تونۇلغان.

پېنتاگون AFP نىڭ باھا تەلپىگە تېخىچە جاۋاب بەرمىدى.

2024-يىلى فېۋرالدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن گېنېرال خوۋ، ئىلگىرى سەرخىل تورلۇق دۆلەتلىك ۋەزىپە كۈچلىرى (Cyber National Mission Force) نىڭ قوماندانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ھالقىلىق تور بىخەتەرلىكى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن ئىدى.

ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى جىم ھىمس قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى. X (سابىق Twitter) سۇپىسىدىكى باياناتىدا: «گېنېرال خوۋنىڭ سەمىمىي ۋە ئوچۇق سۆزلۈك بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى، قانۇنغا بويسۇنۇپ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلىمەن» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئەپسۇسكى، بۇ ھۆكۈمەتتە دەل مۇشۇ خۇسۇسىيەتلەر ئىنساننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولالايدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبەرلىك قاتلىمىدا زور بىر ئۆزگەرتىش مۇساپىسىنى ئېلىپ بارماقتا. فېۋرالدا، ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ تېخى ئىككىنچى يىلىدىكى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال چارلېس «CQ» بروۋنمۇ سەۋەب كۆرسىتىلمەستىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى، ئىككىنچى ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا فېدېراتسىيە خىزمەتچىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئىشتىن بوشىتىش ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى ئازايتىش يۆنىلىشىدىمۇ كەڭ دائىرىلىك قەدەملەرنى ئالماقتا.

«Washington Post» گېزىتى، US Cyber Command نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋىليام ج. خارتمان ۋە NSA نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شېيلا توماسنىڭ ۋاقىتلىق ھالدا NSA نىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 

ئىزدىنىڭ
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
توقايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى