سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكانىڭ «نېفىت قامىلى» نى ئەيىبلىدى
كاراكاس ۋاشىنگتوننىڭ كارىب دېڭىزىدىكى ھەربىي بېسىمى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، نېفىت پاراخوتلىرىغا كەڭ كۆلەملىك چەكلىمە قويۇلغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قارارىنى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى.
ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكانىڭ «نېفىت قامىلى» نى ئەيىبلىدى
ۋاشىنگتون: كارىب دېڭىزىدىكى تەدبىرلەر«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى پۇل بىلەن تەمىنلەيدىغان قانۇنسىز نېفىت توشۇش تورلىرىنى يوقىتىش»نى مەقسەت قىلىدۇ. / Reuters

ۋېنېزۇئېلا سەيشەنبە (2025-يىلى 17-دېكابىر) كۈنى ئامېرىكانىڭ نېفىت پاراخوتلىرىغا قارىتا «تولۇق قامال» دەپ ئاتالغان چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە ۋاشىنگىتوننى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە كارىب دېڭىزىدىكى خەتەرلىك تىركىشىشنى كەسكىنلەشتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى.

ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېلسى رودرىگېز (Delcy Rodríguez) باياناتىدا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئەركىن سودا ۋە دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكى پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ «پەرۋاسىزلارچە قىلىنغان ئېغىر تەھدىت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ قارارنى «ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ۋېنېزۇئېلا ئىقتىسادىنى بوغۇش ۋە ئۇنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى كونترول قىلىۋېلىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇش» دەپ ئاتىدى.

ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا كارىب دېڭىزىدىكى ۋېنېزۇئېلانىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدا داۋاملىق ھەربىي كۈچ توپلاۋاتقان بىر پەيتتە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن پاراخوتلارنىڭ ۋېنېزۇئېلا پورتىغا كىرىش-چىقىشىنى «تولۇق ۋە مۇكەممەل قامال» قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن نارازىلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump orders blockade of 'sanctioned' Venezuela oil tankers as Caracas turns to UN

«ۋېنېزۇئېلا ترامپنىڭ مۈلكى ئەمەس»

كاراكاس پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئېمبارگوسىنى «بىمەنە» دەپ ئاتىدى ۋە ترامپنى خۇددىي ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىتى، زېمىنى ۋە مىنېرال بايلىقلىرى ئامېرىكاغا تەۋەدەك ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

باياناتتا: «ترامپ ۋېنېزۇئېلانىڭ بايلىقلىرىنى ئۆزىنىڭ مۈلكى دەپ قارايدۇ» دېيىلدى.

ترامپ ئۆزىنىڭ «Truth Social» سۇپىسىدىكى بىر يازمىسىدا، ۋېنېزۇئېلانىڭ «جەنۇبىي ئامېرىكا تارىخىدا توپلانغان ئەڭ چوڭ ھەربىي فىلوت تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشىۋېلىنغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى ۋە: «كاراكاس ئىلگىرى بىزدىن ئوغرىلىغان بارلىق نېفىت، زېمىن ۋە باشقا مۈلۈكلەر نى قايتۇرۇپ بەرمىگىچە بېسىم كۈچىيىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

پىرېزىدېنت ترامپ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئېلىپ بارغان ئامېرىكا ئىگىدارچىلىقىدىكى مۈلۈكلەرنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەرىكىتىگە ئىشارە قىلدى.

بۇ تىركىشىش، ئامېرىكانىڭ بىر قانچە ئايدىن بۇيان ۋېنېزۇئېلاغا قىلىۋاتقان بېسىمىنىڭ يېڭى بالداققا چىققانلىقىنىڭ كۆرسەتكۈچى بولدى. ئۆتكەن تۆت ئاي ئىچىدە، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى كارىب دېڭىزىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن گۇمانلانغان پاراخوتلارغا زەربە بەردى.

ترامپ يەنە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىدىنمۇ شەپە بەردى.

ئامېرىكا قىسىملىرى -10دېكابىر ۋېنېزۇئېلا دېڭىز قىرغىقىدا ئېمبارگو قويۇلغان بىر نېفىت پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. كاراكاس بۇ ھەرىكەتنى «خەلقئارالىق دېڭىز قاراقچىلىقى» دەپ ئەيىبلىدى.

ۋاشىنگىتون ئۆز تەدبىرلىرىنىڭ چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان قانۇنسىز نېفىت توشۇش تورلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق، ۋېنېزۇئېلا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئۇرۇش ۋە دېڭىز قاتنىشىنى باشقۇرىدىغان خەلقئارا قائىدەلەرگە خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»