سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە ئىراننى قوللاپ، ئىسرائىلىيەنى «تىنچلىقنىڭ راكى» دەپ ئاتىدى
پىيوڭياڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈشىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى كەچۈرگۈسىز جىنايەت» دەپ ئەيىبلەپ، تېل ئاۋىۋنى «دۆلەت دەرىجىلىك تېررورلۇق» جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
شىمالىي كورېيە ئىراننى قوللاپ، ئىسرائىلىيەنى «تىنچلىقنىڭ راكى» دەپ ئاتىدى
/ AP

شىمالىي كورېيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھۇجۇملىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلەپ، بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بارلىقى توغرىسدا ئاگاھلاندۇردى.

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى دۆلەت كونتروللۇقىدىكى كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، پيوڭياڭنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ پۇقرالار، يادرو ۋە ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىگە قاراتقان ھەربىي ھۇجۇملىرىدىن «قاتتىق ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھۇجۇملارنى «كەسكىن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

باياناتچى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارنىڭ قازا قىلىشىنى «كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ سۈپەتلەپ، تېل ئاۋىۋنى «دۆلەت دەرىجىلىك تېررورلۇق» بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە بۇ ئەھۋالنىڭ رايوندا «يېڭى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش» خەۋپىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بۇ ئىشقا تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىۋالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دۇنيا گۇۋاھ بولۇۋاتقان ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەت شۇنى ئوچۇق ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ھىمايىسىدىكى ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى ئۈچۈن راكقا ئوخشاش بىر ۋۇجۇدتۇر، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى بۇزىدىغان ئاساسلىق جىنايەتچىدۇر» دېدى.

ئۇ يەنە: «خەلقئارا جەمئىيەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىراننىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى تەنقىد قىلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە غەرب كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش يالقۇنىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

پالاكەت باسقۇچى

شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ باياناتلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا قارىتا «سەۋر-تاقىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى» ئېيتقىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

شىمالىي كورېيە ۋاشىنگتوننى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ «ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئاپەت باسقۇچىغا سۆرەپ كىرىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.

ترامپنىڭ باياناتى ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى خامەنېي «شەرتسىز تەسلىم بولۇش» تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكانى «تۈزەتكىلى بولمايدىغان زىيانلارنى پەيدا قىلىش» بىلەن ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغانىدى.

بۇ جەرياندا، «ۋال كوچىسى گېزىتى» ترامپنىڭ سەيشەنبە كۈنى مەسلىھەتچىلىرىگە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى، لېكىن ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىدىن ۋاز كېچىش-كەچمەسلىكىنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدىنىڭ
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىسرائىلىيە 2 يىللىق ئىنكاردىن كېيىن 5 ياشلىق ھىند رەجەبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى