مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
لىۋىيەلىك ھاجى نامزاتىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى، ئايروپىلان ئىككى قېتىم بۇزۇلدى
ھەيران قالارلىق بىر قاتار ۋەقەلەردە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىۋاتقان بىر ھەج ئايروپىلانى، لىۋىيەلىك ياش بىر ئەرنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئارقىغا يېنىشقا مەجبۇر بولدى.
لىۋىيەلىك ھاجى نامزاتىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى،  ئايروپىلان ئىككى قېتىم بۇزۇلدى
لىۋىيەلىك ھاجى نامزاتىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى، ئايروپىلان ئىككى قېتىم بۇزۇلدى / x

كىشىلەر بۇ ئشقا «ئىلاھىي ئارىلىشىش» دەپ باھا بەردى.

لىۋىيەلىك ئامەر ئەل مەنسۇر كاززافى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان نەچچە ئون ھاجى بىلەن بىللە ئايروپىلانغا چىقماقچى بولدى.

ئەمما لىۋىيەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان سەبا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە توسۇپ قىلىندى. فامىلىسى كاززافى بولۇپ، لىۋىيەنىڭ ئاغدۇرۇلغان رەھبىرى مۇئەممەر كاززافىنىڭ فامىلىسىغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن سىستېمىدا بەلگە قويۇلغان ھالەتتە كۆرۈنەتتى.

ئۇنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشىغا قارىماي، ئايروپىلان ئۇنى تاشلاپ ئۇچۇپ كەتتى.

ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئايرودۇرۇم خادىملىرى ئۇنىڭغا ۋەزىيەتكە تەن بېرىپ بۇ يەردىن ئايرىلىشىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ كەينىگە يانمىدى.

گۇلف نيۇس» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كاززافى: «ھەجگە ماڭمىغۇچە بۇ يەردىن ئايرىلمايمەن» دېگەندە چىڭ تۇردى.

 

تەقدىر ئارىلاشتى

 

ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تەقدىر ئارىلىشىشقا باشلىدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئايروپىلان ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسىدىكى تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن ئايرودۇرۇمغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى.

ئايروپىلان قونغاندا، ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ خادىملىرى كاززافىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچقۇچى بىلەن ئىشىكنى ئېچىش توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئەمما ئۇچقۇچى ماتورلارنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، بۇنىڭ تەشكىلىي جەھەتتە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى،ۋە ئايروپىلانغا چىقىشىنى رەت قىلدى.

 

«ئۇ ئالماي تۇرۇپ ئۇچمايمەن»

 

كۈتۈلمىگەن يەردىن، ئايروپىلان ئىككىنچى قېتىملىق كاشىلا سەۋەبىدىن يەنە ئارقىغا يېنىپ جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولدى.

«ئارىنېۋس» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شنىڭدىن كېيىن ئايروپىلان كاپىتانى مۇنداق ئۇقتۇرۇش قىلغان:

«قەسەم قىلىمەنكى، ئامەر بىز بىلەن بۇ ئايروپىلانغا چىقمۇغۇچى قايتا ئۇچمايمەن»

يولۇچىلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ۋە تەنتەنىلىرى ئىچىدە، كاززافىنىڭ ئاخىرى ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىندى. بۇ دەقىقە سىنغا ئېلىنىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كەڭ تارقىتىلدى.

كاززافى كېيىن يەرلىك تاراتقۇلارغا: «مەن پەقەت ھەجگە بارماقچى ئىدىم» دېدى.
ۋە ئەگەر بۇ مېنىڭ پېشانەمگە پۈتۈلگەن بولسا، ھېچقانداق كۈچ بۇنى توسۇپ قالالمايتتى» دەپ ئەسكەرتتى.

ھەر يىلى مىڭلىغان مۇسۇلمان ھەج سەپىرىگە چىقىدۇ.

ھەج – مۇسۇلمانلار ئۈچۈن جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇ سەپەرنى قىلالايدىغان ئەھۋالدا بولغانلارنىڭ ھاياتىدا كەم دېگەندە بىر قېتىم ئادا قىلىشى كېرەك بولغان مەجبۇرىي ئىبادەتتۇر.

مۇسۇلمانلار بۇ مۇقەددەس سەپەرنىڭ ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرىگە قىلغان چاقىرىقى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

 

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى