سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
بېلگىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماكسىم پىرىۋوت بېيرۇتتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان پەيتتە، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايغا يېقىن بىر يەرگە ھۇجۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنى ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.
بېلگىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
بېلگىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى / Reuters

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى چارشەنبە كۈنى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدا، بېلگىيە ئەلچىخانىسىغا پەقەت بىرنەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان جايغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇملار بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماكسىم پىرىۋوت شەھەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋە ئەلچىخانا بىناسىدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بەردى.

پىرىۋوت ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ھۇجۇملارنى دەرھال توختىتىش چاقىرىقىدا بولدى.

مىنىستىر پىرىۋوت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھەيئىتىم بىلەن بىرگە ئەلچىخانىدا ئىدۇق، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار تەگكەن جايدىن پەقەت بىرنەچچە يۈز مېتىر يىراقلىقتا ئىدۇق. بۇ ھۇجۇملار توختىشى كېرەك. ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دائىرىسى لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك!» دېدى.

پىرىۋوت لىۋان پىرېزىدېنتى جوسېف ئەۋننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن رەسمىي مۇزاكىرىلەرنى باشلاش تەكلىپىنى ئالقىشلاپ، ھۇجۇملاردىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمەسلىكىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر پىرىۋوت يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى ۋە ۋەيرانچىلىق بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بىر پەيتتە، بېلگىيەنىڭ لىۋان دائىرىلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

ئۇرۇش توختىتىش

پاكىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئىران بىلەن ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە «يولغا قويۇشقا بولىدىغان» 10 ماددىلىق مۇزاكىرە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ بايانات، ترامپنىڭ «ئىرانغا ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىشى ۋە بىر كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشى، بولمىسا ناھايىتى چوڭ ۋەيرانچىلىققا دۇچ كېلىشى» ئۈچۈن بەرگەن مۆھلىتىنىڭ توشۇشىغا ئىككى سائەتتىن ئاز ۋاقىت قالغاندا ئېلان قىلىندى.

رايونلۇق جىددىيچىلىك، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قوزغىغان ھۇجۇمىدىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى، بۇ بولسا ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان دۆلەتلەرنى نىشان قىلغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىگە يول ئاچتى.

لىۋان 2-مارت كۈنى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ ئىراننىڭ شۇ چاغدىكى ئالىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا داخىل بولدى، بۇ ئەھۋال تېھرانغا قاراشلىق شىئە گۇرۇھى ھىزبۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيە نۇقتىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا سەۋەب بولدى.

ئىسرائىلىيە شۇنىڭدىن بۇيان لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قويۇقلاشتۇردى ۋە دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئىشغالىيىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، 1530 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى