سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى چارشەنبە كۈنى رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پىرېزىدېنت ترامپ ۋاشىنگتوننىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيەسىنى سېتىۋالىدىغان دۆلەتلەرگە قارشى يولغا قويىدىغان يېڭى ئېمبارگولار توغرىسىدىكى قارارىنى ئالاھىدە ۋەكىل ۋىتكوفنىڭ كىرېمىل سارىيى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى چارشەنبە كۈنى رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
/ AP

ئاق ساراي موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشى سەۋەبلىك قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوفنىڭ چارشەنبە كۈنى رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «ئەتە رۇسىيە بىلەن ئۇچرىشىشىمىز بار. ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي قاتارلىق رۇسىيە ئېنېرگىيەسىنى داۋاملىق سېتىۋېلىۋاتقان دۆلەتلەرگە %100 لىك تاموژنا بېجى قويۇش-قويماسلىق مەسىلىسىنى جەزملەشتۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «مەن ھەرگىزمۇ كونكرېت بىر نىسبەتنى تىلغا ئالمىدىم، لېكىن بۇ ھەقتە مۇھىم قەدەملەرنى باسىمىز. يېقىن كەلگۈسىدە ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ چارشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتلەردىن كېيىن ئامېرىكانىڭ يېڭى ئېمبارگولارغا ئائىت قارارىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ باياناتلار ترامپنىڭ رۇسىيەگە «8-ئاۋغۇستقا قەدەر» بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى مۆھلىتىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىندى. ترامپ ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىسا، ئامېرىكانىڭ بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەممىي برۇس سەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە ۋىتكوفنىڭ موسكۋا زىيارىتىنى دەلىللەپ: «مەن بۇ يەردە تۇرۇپ زىيارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمەن. لېكىن سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدە سىلەرگە مەلۇمات بېرەلمەيمەن» دېدى.

باياناتچى، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە موسكۋانىڭ ھازىرقى پوزىتسىيەسىدىن «رازى ئەمەس» لىكىنى، بىراق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن «دىپلوماتىك چارىلەرگە يەنىلا سادىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاق ساراي رۇسىيە ئېنېرگىيەسىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، بۇ خىل سودىنى «كىرېمىل سارىيىنىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ھاياتلىق قان تومۇرى بولۇش» دەپ ئاتىماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى