سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ يەمەندىكى يېقىلغۇ پورىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكا 15-مارتتىن بۇيان دېگۈدەك ھەر كۈنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق، ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىز ۋە ئەدەن قولتۇقىدىكى پاراخوتلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلماقتا.
ئامېرىكانىڭ يەمەندىكى يېقىلغۇ پورىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
The port lies along the Red Sea on the west coast of Yemen. / AP

ھۇسىيلار بولسا بۇ ھۇجۇملارنى غەززە بىلەن ھەمنەپەس بولۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكانىڭ يەمەننىڭ ھۇدەيدە ئۆلكىسىدە رەئس ئىسا يېقىلغۇ پورىتىغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا سەھىيە خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 38 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ خەۋەر ھۇسىيلارغا تەۋە «ئەلمەسىرە تېلېۋىزىيە قانىلى» دا تارقىتىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى پەيشەنبە كۈنى پورتقا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ، ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلارنىڭ تەمىنات ۋە مەبلەغ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاشىنگتون 15-مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىز ۋە ئەدەن قولتۇقىدىكى پۇقراۋىي ۋە ھەربىي پاراخوتلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ھۇسىيلارغا قاراشلىق نىشانلارنى ھەر كۈنى دېگۈدەك بومباردىمان قىلماقتا.

ھۇسىيلار غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەر بىلەن ھەمنەپەس بولۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بۇ ھۇجۇملارنى 2023-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى باشلىغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جۈمە كۈنى يەمەندىن كەلگەن بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ ھۇجۇملارنىڭ نىشانى ھۇسىيلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچ مەنبەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتۇر. چۈنكى ھۇسىيلار ئۆز پۇقرالىرىنى  ئېغىر كۈلپەتلەر دۇچار قىلماقتا.»

ھۇسىيلارغا قاراشلىق سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەنەس ئەلئەسبەھىي، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 20 ئىكەنلىكىنى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا بەش سەھىيە خادىمىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئەلئەسبەھىي سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى:

«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن رەئس ئىسا نېفىت پورىتىدا 50 ئىشچى ۋە خىزمەتچىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېنىق بولدى. قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن، چۈنكى جەسەت پارچىلىرىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ.»

 ئوت شارى

 ئامېرىكا ھۇجۇم قىلغان پورت قىزىل دېڭىزنى بويلاپ يەمەننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ھۇسىيلارنىڭ «ئەلمەسىرە تېلېۋىزىيە قانىلى» دا «ئامېرىكا ھۇجۇمىنىڭ دەسلەپكى كۆرۈنۈشلىرى» سەرلەۋھىسىدە جۈمە كۈنى ئەتىگەندە تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە، پاراخوتلارنىڭ ئەتراپىدا دەسلەپتە ئوت شارىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى، بىر مەزگىل داۋاملاشقان ئوت يالقۇنىدىن چىققان قويۇق تۈتەكنىڭ ئەتراپنى قاپلاپ كەتكەنلىكى كۆرۈلىدۇ.

ئەلئەسبەھىي: «پۇقراۋىي مۇداپىئە قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىلىرى ۋە سەھىيە خادىملىرى قازا قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى دېڭىزدىن چىقىرىش ۋە ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەگە قارشى قوزغىغان رەھىمسىز ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھۇسىيلار دائىم ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

 «يېقىندا ئىسرائىلىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىنىڭ چېلىنىشىدىن كېيىن، يەمەندىن ئېتىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇلدى، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.»

ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى دۇنيا دېڭىز قاتناشلىرىنىڭ تەخمىنەن 12 پىرسەنتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان سۇۋەيش قانىلىدىكى توشۇش خىزمىتىنى ئاقسىتىپ، نۇرغۇن شىركەتلەرنى جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ئۇچىدىن ئۆتىدىغان، چىقىمى يۇقىرى بولغان تېخىمۇ ئۇزۇن يولنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلدى.

ئامېرىكا دەسلەپتە پىرېزىدېنت جو بايدىن ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ھۇسىيلارغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغانىدى. بايدىننىڭ ۋارىسى دونالد ترامپمۇ تاكى ھۇسىيلار خەلقئارا تىرانسپورت خىزمىتى ئۈچۈن خەۋپ شەكىللەندۈرۈشنى توختاتمىغۇچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيان لېكورنو پەيشەنبە  كۈنى كەچتە، قىزىل دېڭىزدىكى فىرانسىيەگە تەۋە بىر قوغدىغۇچى پاراخوتنىڭ يەمەندىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«قىسىملىرىمىز دېڭىزدا ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.»

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
رۇسىيە بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 323 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
رۇبىيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ