سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
 مادۇرو ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى / Reuters

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى بىر پورت رايونىغا قىلغان ھۇجۇمى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى، ئەمما بۇ مەسىلە ھەققىدە بىرنەچچە كۈن ئىچىدە توختىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەتتە، دۆلىتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىر كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئالدىنقى ھەپتە ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جىنايى گۇرۇھلار ئىشلىتىدۇ دەپ قارالغان ۋېنېزۇئېلادىكى بىر پورت رايونىغا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى.

مادۇرو پەيشەنبە كۈنى ئىسپانىيەلىك ژۇرنالىست ئىگناسىيو رامونېتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ مەقسىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىنى مەجبۇرىي تېڭىش ۋە ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان كارىب دېڭىزىغا كۆپ ساندا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ غايەت زور نېفىت زاپاسلىرىغا ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

 

مادۇرو سۆھبەتتە: «ئۇلار نېمىنى ئىزدەۋاتىدۇ؟ شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار تەھدىت، قورقۇتۇش ۋە كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا» دېدى. ئۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ «قولىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلىدۇ، چۈنكى بىز نۇرغۇن باياناتچىلىرىغا ئېيتتۇق؛ ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەشكە دائىر ئەستايىدىل بىر كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالىسا، بىز تەييارمىز. ئەگەر نېفىت لازىم بولسا، خۇددى  خېۋرون (Chevron) مىسالىغا ئوخشاش، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان يەردە ۋە خالىغان شەكىلدە ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار.»

خېۋرون  گۇرۇھى (Chevron Corp) شىركىتى ۋېنېزۇئېلا خام نېفىتىنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان بىردىنبىر چوڭ نېفىت شىركىتىدۇر. ۋېنېزۇئېلا دۇنيادىكى ئىسپاتلانغان ئەڭ چوڭ نېفىت زاپىسىغا ئىگە دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى

سۆھبەت يېڭى يىل ھارپىسىدا سىنغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بەش پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ترامپ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەلۇم بولغان پاراخوت ھۇجۇملىرىنىڭ سانى 35 كە، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى بولسا كەم دېگەندە 115 كە يەتكەن بولۇپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ۋېنېزۇئېلا پۇقرالىرىمۇ بار ئىكەن.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇ ھۇجۇملارنى ئامېرىكاغا زەھەرلىك چېكىملىك كىرىشىنى توختىتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ھەرىكەت دەپ ئاقلىدى ۋە ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرى بىلەن «قوراللىق توقۇنۇش» ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ھۇجۇملار ۋېنېزۇئېلانىڭ كارىب قىرغاقلىرى ئوچۇق دېڭىز تەۋەلىكىدە باشلانغان بولۇپ، كېيىنچە شەرقىي تىنچ ئوكيان تەرەپكە كېڭەيدى.

ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار ئىككى مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئالدىنقى ھەپتە ۋېنېزۇئېلا زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرى ئىشلىتىدۇ دەپ قارالغان بىر پورت رايونىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

مەزكۇر ھەرىكەت پاراخوت ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان ۋېنېزۇئېلا زېمىنلىرىغا قارىتىلغان تۇنجى بىۋاسىتە ھەرىكەت بولۇپ، بۇ ئامېرىكادا «ناركوتېررورىزم» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مادۇروغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ۋېنېزۇئېلا زېمىنلىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدىكى سوئالغا قارىتا مادۇرو: «بۇ مەسىلە ھەققىدە بىرنەچچە كۈن ئىچىدە توختىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ ھۆكۈمىتى نىشانغا ئېلىنغان پاراخوتلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمىدى؛ بۇ ئەھۋال مەزكۇر ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنلۇق بولۇش-بولماسلىقى ھەققىدە تالاش-تارتىشلارنى قوزغىدى.

خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى بۇ ھۇجۇملارنىڭ سوتسىز قەتل قىلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ۋاشىنگتون بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى