سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى نېتانياھۇنى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى
ئەيال زامىر: «سۆھبەت ئۈستىلىدە تەييار بىر كېلىشىم بار، ئۇنى دەرھال قوبۇل قىلىش كېرەك» دېدى.
ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى نېتانياھۇنى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى
گیرولارنىڭ ئائىلىلىرى زامىرنىڭ سۆزلىرىنى قارشى ئالدى. / Reuters
2025-يىلى8-ئاينىڭ25-كۈنى

ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئەيال زامىر يەكشەنبە كۈنى غەززەنى ئىشغال قىلىش پىلانىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلارنىڭ ھاياتىغا «جىددىي خەۋپ» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنى ھازىرقى ئەسىرگە ئېلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

بۇ چاقىرىق، گۆرۈگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۆز يېقىنلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە قىلىۋاتقان بېسىمى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقتى.

نېتانياھۇ پەيشەنبە كۈنى غەززە شەھىرىنى ئىشغال قىلىش ۋە ئۇ يەردىكى ئاھالىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق ئەسىرگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن سۆھبەتنى دەرھال باشلاشقا بۇيرۇق قىلغانىدى.

نېتانياھۇنىڭ بۇ سۆزلىرى، ۋاسىتىچىلەرنىڭ ماھىيەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلگىرىكى كېلىشىملىرىگە ماس كېلىدىغان ھەمدە يېقىندا ھاماس تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مىسىر-قاتار تەكلىپىگە رەسمىي جاۋاب قايتۇرۇشىنى كۈتۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ يېڭى شەرتلەر ئاستىدا باشقىچە بىر كېلىشىمنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىسرائىلىيە 13-قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، زامىر: «سۆھبەت ئۈستىلىدە تەييار بىر كېلىشىم بار، ئۇنى دەرھال قوبۇل قىلىش كېرەك. ئارمىيە كېلىشىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ھازىرقى قارار نېتانياھۇنىڭ قولىدا» دېگەن.

باش ئىشتاب باشلىقى غەززە شەھىرىنى ئىشغال قىلىش پىلانىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ: «ئارمىيە غەززەنى ئىشغال قىلالايدۇ، لېكىن بۇ ھەربىي ھەرىكەت ئەسىرگە ئېلىنغانلارنىڭ ھاياتىنى ئېغىر خەۋپكە ئىتتىرىشى مۇمكىن» دېگەن.

ئەسىرگە ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى زامىرنىڭ سۆزىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ: «باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ 50 نەپەر ئەسىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان ئەتراپلىق كېلىشىم تۈزۈش تەلىپى، ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ كۆپ سانلىق پىكرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھاماسنىڭ قولىدا 20 نەپىرى ھايات 50 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك بار ئىكەن، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە بولسا قىيىن-قىستاق ۋە داۋالاشقا سەل قاراش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاستىدا 10 مىڭ 800 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز جۈمە كۈنى ئارمىيەنىڭ غەززە شەھىرىنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى تەستىقلاپ، كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشقا ۋە ئاھالىنى ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە ۋەدە بەردى.

12-قانالنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىرقى تەكلىپتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ رايونغا كىرىشىگە يول قويۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ چېگراغا يېقىن جايلارغا قايتىدىن ئورۇنلىشىشى، ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىككى باسقۇچتا ئېلىپ بېرىلىپ، 10 نەپەر ھايات ئەسىر ۋە 18 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ جەسىتىنىڭ پەلەستىنلىك مەھبۇسلار بىلەن ئالماشتۇرۇلۇشىنى كۆزدە تۇتقان 60 كۈنلۈك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ھەمدە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا ئالاقىدار سۆھبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار بار ئىكەن.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە 62 مىڭ 700 گە يېقىن پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى ھەربى ھەرىكەتلىرى ئاچارچىلىق گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ رايوننى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدە ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە بۇ رايونغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبلىك خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق