سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ «ۋال كوچىسى ژۇرنىلى» ئۈستىدىن 10 مىليارد دوللارلىق تۆھمەت دەۋاسى ئاچتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «ۋال كوچىسى ژۇرنىلى»(WSJ) نىڭ ئېپشتېيننىڭ تۇغۇلغان كۈن خاتىرە ئالبومى ھەققىدىكى خەۋىرىنى «ساختا» دەپ ئاتاپ، گېزىت ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرى ئۈستىدىن تۆھمەت ئەرزى سۇندى.
ترامپ «ۋال كوچىسى ژۇرنىلى» ئۈستىدىن 10 مىليارد دوللارلىق تۆھمەت دەۋاسى ئاچتى
/ AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەتچىلىكلىرى بىلەن نامى چىققان مەبلەغ سالغۇچى جېففرېي ئېپشتېينغا يازغان بىر تۇغۇلغان كۈن تەبرىك خېتى ھەققىدىكى خەۋەرنى سەۋەب كۆرسىتىپ، جۈمە كۈنى «ۋال كوچىسى ژۇرنىلى» ۋە ئۇنىڭ خوجايىنى رۇپېرت مۇردوچنىڭ ئۈستىدىن كەم دېگەندە 10 مىليارد دوللارلىق تۆلەم تەلەپ قىلىپ دەۋا ئاچتى.

ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئويدۇرما، يامان غەرەزلىك، تۆھمەت خاراكتېرلىك ‹ساختا خەۋەر› ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ھەر بىر كىشىگە قارشى ‹كۈچلۈك› دەۋا ئاچتۇق. بۇ كارغا كەلمەس لاتا ‹ۋال كوچىسى ژۇرنىلى› غا قارشى باشلىغان بۇ قانۇنىي كۈرىشىمىز تارىخىي بولىدۇ».

«ۋال كوچىسى ژۇرنىلى» نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ترامپ تەرىپىدىن يېزىلغان بىر پارچە خەتنىڭ، بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئېپشتېيننىڭ 50 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خاتىرە ئالبومىدىن ئورۇن ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خۇرۇم مۇقاۋىلىق خاتىرە ئالبومى 2003-يىلى ئېپشتېيننىڭ ئۇزۇن يىللىق ياردەمچىسى ۋە (جازاغا) ھۆكۈم قىلىنغان ئادەم ئەتكەسچىسى گىسلەين ماكسۋېل تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن.

ترامپ «تارىخىي قانۇنىي قەدەم» دەپ تەرىپلىگەن بۇ دەۋا، خەۋەردە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان «ۋال كوچىسى ژۇرنىلى»نىڭ مۇخبىرلىرى خەدىجە سافدار ۋە جوسېف پالاﺯﺯولونىلا ئەمەس، بەلكى گېزىتنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ ئانا شىركەتلىرى بولغان «News Corp» ۋە «Dow Jones»، رۇپېرت مۇردوچ ۋە «News Corp» نىڭ باشقۇرغۇچىسى روبېرت تومسوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئويدۇرما»

مىئامى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان ئەرزنامىدە، جاۋابكارلار «ئېنىق ئاخباراتچىلىق سەۋەنلىكى» ئۆتكۈزگەنلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، مەزكۇر خەۋەرنىڭ «خاتا، تۆھمەت خاراكتېرلىك، ئاساسسىز ۋە كىشىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان» مەزمۇندا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ترامپ ئۆزىنىڭ «Truth Social» دىكى ئۇچۇرىدا: «ئۈمىد قىلىمەنكى، رۇپېرت ۋە ئۇنىڭ ‹دوستلىرى› بۇ دەۋا جەريانىدا بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغان ئۇزۇن سائەتلىك گۇۋاھلىقلىرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ» دېدى.

«ۋال كوچىسى ژۇرنىلى» نىڭ بۇ خەۋىرى، ترامپنىڭ ئېپشتېينغا ئائىت ھۆججەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي داۋالغۇشنىڭ دەل مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھازىرغىچە ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ھۆججەتلىرى، ترامپنىڭ 2024- ۋە 2026-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمى پائالىيەتلىرىدە شەكىللەندۈرگەن «ئامېرىكانى قايتىدىن ئۇلۇغ قىل» (MAGA) ھەرىكىتى ئىچىدە، بۈگۈنگە قەدەر كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ چوڭ بۆلۈنۈشنى پەيدا قىلماقتا.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئېپشتېيننىڭ 2019-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دەپ يەكۈن چىقارغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق «خېرىدارلار تىزىملىكى»نىڭ تېپىلمىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بايانات پىرېزىدېنتنىڭ «ئامېرىكانى قايتىدىن ئۇلۇغ قىل» ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىدى.

ترامپ ئېپشتېين سەتچىلىكىنى «ئويدۇرما» دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە، قوللىغۇچىلىرىغا بۇ مەسىلىنى ئارقىدا قالدۇرۇشنى ئېيتتى. لېكىن شۇنداقتىمۇ، ھۆججەتلەرنىڭ —بولۇپمۇ فېۋرالدا باش پروكورور پام بوندىنىڭ «ھازىر ئۈستىلىمدە تۇرۇپتۇ» دېگەن ھۆججەتلىرىنىڭ— يەنى «خېرىدارلار تىزىملىكى»نىڭ ئاشكارىلىنىشىغا دائىر تەلەپلەر يەنىلا توختىماي داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز