خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ قورال-ياراغ شىركەتلىرى پولشادىكى مۇداپىئە يەرمەنكىسىدە قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى
غەززە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن پولشادىكى دۆلەت مۇداپىئە يەرمەنكىسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ قورال-ياراغ شىركەتلىرى نارازىلىق قوزغىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ قورال-ياراغ شىركەتلىرى  پولشادىكى مۇداپىئە يەرمەنكىسىدە قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ قورال-ياراغ شىركەتلىرى پولشادىكى مۇداپىئە يەرمەنكىسىدە قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى / Reuters

پولشانىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت مۇداپىئە يەرمەنكىسىدە ئىسرائىلىيەلىك قورال ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىدىن «ئەلبىت» ۋە «رافائىل» غەززەدىكى رولى سەۋەبىدىن ساقچىلارنىڭ سوئال - سورىقىغا ۋە نامايىشلارغا دۇچ كەلدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى بۇ ھەپتە پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن MSPO دۆلەت مۇداپىئە يەرمەنكىسىدە بېسىمغا ئۇچرىدى. ساقچىلار شىركەت خىزمەتچىلىرىنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدىكى رولى ھەققىدە سوراق قىلدى.

«يېرۇسالېم پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پولشالىق بىر مۇخبىرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە شىركەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىشقا چاقىرتىلغان.

سوراق قىلىنغانلار ئارىسىدا «ئەلبىت سىستېم» (Elbit Systems) ۋە «رافائىل ئىلغار مۇداپىئە سىستېمىلىرى» (Rafael Advanced Defense Systems) شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ بار بولۇپ،  سوراققا چاقىرىلغان 10 كىشىنىڭ 2 سى چاقىرىلىشتىن بۇرۇن پولشادىن ئايرىلغان.

2-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە كىئېلچې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكە جەريانىدا، پائالىيەتچىلەر «ئەلبىت سىستېم» شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىغا سېسىق پۇراقلىق قىزىل بوياق چېچىپ، شىركەتكە نارازىلىق بىلدۈردى.

پائالىيەتچىلەر ئىسرائىلىيە شىركەتلىرىنى «قورالسىز پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە شېرىك بولۇش» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ يەرمەنكىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى «ناتسېست گېرمانىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقانغا» ئوخشاتتى.

ساقچىلار بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيۇشتۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن MSPO يەرمەنكىسىگە نۇرغۇن دۆلەتلەردىن شىركەتلەر، ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاتناشتى. ئىسرائىلىيەدىن قاتناشقانلار ئارىسىدا بولسا «ئەلبىت سىستېم»، «رافائىل»، «ئىسرائىلىيە ئاۋىئاتسىيە-ئالەم سانائىتى» ۋە «Smart Shooter» قاتارلىق شىركەتلەر بار ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»
ئىران ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
زېلېنسكىي تۈنۈگۈن رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان كىيېۋ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا كۈنى ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە يىلىنى تەبركلىدى
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ