خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
بىر تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، كىت قالدۇقلىرىنىڭ تارىخى 5.3 مىليون يىل ئىلگىرىكى دەۋرگىچە سوزۇلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى / AA

مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا، مىليونلىغان يىللىق قالدۇقلارنى ئۆز قوينىغا ئالغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقى دەپ قارىلىۋاتقان بىر رايوننى بايقىدى.

چارشەنبە كۈنى «Nature» (تەبىئەت) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ غايەت زور كىت قەبرىستانلىقى ئاۋسترالىيەدىكى دىئامانتىنا رايونىدا، ھىندى ئوكياننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېڭىز تەگلىكىدە، 4 مىڭ 616 مېتىردىن 7 مىڭ 1 مېتىرغىچە بولغان چوڭقۇرلۇقتا ۋە تەخمىنەن 1 مىليون 200 كىلومېتىرغا سوزۇلغان كەڭ بىر مەيداندا تېپىلغان.

تەتقىقاتچىلار، ئۆلگەن كىتلارنىڭ دېڭىز تەگلىكىگە چۆكمە بولۇپ ئورۇنلىشىشى بىلەن كىت قالدۇقلىرىدىن تەشكىل تاپقان بەش دانە كوللىكتىپ تۈركۈمىدىن تاشقىرى، چوڭقۇر دېڭىز قاتلاملىرىدىن تېپىلغان 476 دانە كىت تاشقاتمىسىنى (فوسىلىنى) ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ بىر تاشقاتما ۋە قالدۇق توپلىمىنى بايقاپ چىققان.

رايوندىكى تاشقاتما خاتىرىلىرى، بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان تۇمشۇقلۇق كىت تۈرلىرى بىلەن بىرگە، نەسلى قۇرۇپ كەتكەن تۇمشۇقلۇق كىت تۈرلىرىگە تەۋە بولغان قالدۇقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات خىزمىتىدە، ئاتوملۇق ئىزوتوپلار ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىلغان دەۋر بېكىتىش مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قالدۇقلارنىڭ تارىخىنىڭ 5.3 مىليون يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغىچە سوزۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

تەتقىقاتچىلار، بۇ رايوننىڭ ئەتراپلىق تەكشۈرۈلۈشىنىڭ پلىيوسېن (Pliyosen) دەۋرىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۇمشۇقلۇق كىتلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، پالېوئېكولوگىيەسى (قەدىمكى ئېكولوگىيەسى) ۋە نۇپۇس دىنامىكىسى توغرىسىدا ئىنتايىن قىممەتلىك مەلۇماتلارنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Great white shark kills man off western Australia
ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى