خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى بېسىپ ئۆتىدىغان خەلقئارا يۈك پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىدە مەزكۇر دۆلەتتىكى «ئونلارچە نۇقتىغا ئېنىق نىشانلىغۇچى ئوقلار بىلەن زەربە بېرىلگەنلىكى»نى بىلدۈردى.
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
سېنتكوم تۈنۈگۈن كېچىمۇ ئىرانغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ھېساباتىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز قاتنىشىغا قارىتىلغان تەھدىتلەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم دولقۇنىنىڭ تاماملانغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر باياناتتا، ھۇجۇملار جەريانىدا ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، دېڭىز قىرغىقى رادار مۇداپىئە لىنىيەلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئەسلىھەلىرى شۇنداقلا كىچىك تىپتىكى كېمىلەرگە زەربە بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر ھۇجۇملاردا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىدىغان (كامىكادزې) ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن باشقا تۇنجى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىدىغان كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتلىرىنىڭمۇ ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىنىپ، «ھورمۇز بوغۇزى يەر شارى سودىسى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە دېڭىز كارىدورىدۇر. ئىران بۇ يەرنى كونترول قىلالمايدۇ» دېيىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىراننىڭ «ناھەق تەجاۋۇزچىلىقى، پاراكەندىچىلىك سېلىشى، تەھدىتلىرى ۋە خالىغانچە ئېلان قىلغان باياناتلىرى»غا قارىماي ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ دېڭىزدا ئەركىن قاتناشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى 7- ۋە 8-ئىيۇل كۈنلىرىمۇ «سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى» ئۈچۈن ئىرانغا قارشى ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ