تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، 100 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانىنى تەكىتلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گوللاندىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ھەربىي ئىتتىپاق رەھبەرلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، 100 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانىنى تەكىتلىدى
/ AA

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە لاھەيدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر بىلەن بىرگە، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىسرائىلىيە-ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ھەم دائىملىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەم غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، شۇنداقلا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېنېرگىيە، مەبلەغ سېلىش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەلىرىدە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زورلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەر ئىككى رەھبەر ئىتتىپاقنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى سۈپىتىدە، ناتونىڭ توسۇش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

TRT World  تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى ھەسەن ئابدۇللاھنىڭ لاھەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپقا ئىران-ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قورشاۋدىكى غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىسقا قارىتا ئەندىشىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەردوغانغا كىملەر ھەمراھ بولدى؟

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى ئىككى كۈنلۈك ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گوللاندىيەگە يېتىپ بارغان. ئۇ ئامىستېردام سىخول ئايرودۇرۇمىدا گوللاندىيە دائىرىلىرى، تۈركىيەنىڭ ناتودا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچىسى باسات ئۆزتۈرك ۋە تۈركىيەنىڭ لاھەيدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سەلچۇق ئۈنال تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغاندىن كېيىن، يىغىن مەركىزى جايلاشقان لاھەي شەھىرىگە يۈرۈپ كەتكەن.

بۇ زىيارەتتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ قاتارلىقلار ھەمراھ بولدى.

ئەمىنە ئەردوغان خانىم خان جەمەتى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېنىدا ئولتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يىغىن داۋامىدا نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە. بۇ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە ئاساسلىقى ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان رايونى دۇچ كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك خەتەر ۋە تەھدىتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئىككى كۈنلۈك ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ چارشەنبە كۈنى (بۈگۈن) ئاخىرلىشىشى پىلانلانماقتا.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز