مەدەنىيەت
1 مىنۇت ئوقۇش
كەركۈكتە 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئانار بايرىمى باشلاندى
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە 3-نويابىرغىچە تەخمىنەن 1 ھەپتە داۋاملىشىدىغان 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئانار بايرىمى باشلاندى.
كەركۈكتە 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئانار بايرىمى باشلاندى
كەركۈكتە 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئانار فېستىۋالى باشلاندى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تەخمىنەن 1 ھەپتە داۋاملىشىدىغان 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئانار بايرىمى باشلاندى.

كەركۈك شەھەر مەركىزىدىكى ئەدەن مەھەللىسىگە جايلاشقان بابا گۈرگۈر باغچىسى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئانار بايرىمى پائالىيىتىگە ساھىبخانلىق قىلماقتا.

بايرامنى تەشكىللىگۈچى ئىبراھىم خەلىل كەركۈكتە بۇ يىل 4-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن ئانار بايرىمىغا بولغان قىزىقىشنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنىڭ مەقسىتى يەرلىك مەھسۇلاتلارغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن خەلىل، بۇنىڭدىن مەقسەتنىڭ كەركۈكلۈك دېھقانلارنى قوللاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خەلىل پائالىيەتتە ئانار سورتلىرى بىلەن بىرگە ئانار شەربىتى ۋە ئانار شىرنىسىنىڭمۇ كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ بۇ بايرامغا تەخمىنەن 42 توننا ئانار بىلەن قاتناشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئانار بايرىمى پائالىيىتى 3-نويابىرغىچە داۋاملىشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 17.11.2026
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر 16 - نويابىر دۈشەنبە
تۈركىيە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 38 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى
ئىران فىرانسىيەنى ئىسرائىلىيەنىڭ «ساختا بايراق» (سۇيىقەست) تۇزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىققا چاقىرىدى
ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرى جېنسېن خۇاڭ جاسۇسلۇق سەتچىلىكى مەسىلىسىدە سودا مىنىستىرلىقىنى تەنقىد قىلدى
ئېيسېنكات نېتانياھۇنى بىرلىكتە ھۆكۈمەت قۇرۇش چاقىرىقى ئارقىلىق «ھىيلە ئىشلىتىش» بىلەن ئەيىبلىدى
غەززەدە ئومۇمىي قازا قىلغانلار سانى 74 مىڭ 695 كە يەتتى
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
پۇتىن، شى جىنپىڭ ۋە تىرامپ 19-نويابىردا شېنجېندا ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ
تۈركىيە بىلەن قاتار رەھبەرلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇچرىشىشىدا تارىخىي مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
رۇسىيە ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى «سەمىمىي بولۇش» شەرتىگە باغلىدى
مىكروسوفت يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن ئەپۇ سورىدى
ئەردوغان COP31 يىغىنىدا سەككىز دۆلەت رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى
گېرمانىيە ئۇكرائىناغا 200 مىليون ياۋرو قىشلىق ياردەم بېرىدۇ
رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدە  يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى