ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقكە خىتاب قىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇربان ھېيىتىنىڭ تۈركىيە، تۈركىيە خەلقى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقكە خىتاب قىلدى
ئەردوغان قۇربان ھېيىتىنىڭ تۈركىيە، تۈركىيە خەلقى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلىدى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە كۈنى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس قۇربان ھېيىتىنى تەبرىكلىدى.

ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«قۇربان ھېيتنىڭ دۆلىتىمىز، خەلقىمىز ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

پۈتكۈل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى بىلەن بىرگە غەززەدىكى ۋە پەلەستىندىكى <بارلىق دوستلىرىمىز> نىڭمۇ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»

ئىسلام ئېتىقادىدا قۇربان ھېيىت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئوغلى (ئىسمائىل) نى قۇربانلىق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ئىلاھىي ئىرادىنىڭ تەقەززاسى بويىچە بىر قوچقارنى قۇربانلىق قىلىشىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەبرىكلىنىدۇ.

مۇسۇلمانلار بۇ ئىلاھىي ئىرادە (ئارىلىشىش) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھايۋان قۇربانلىق قىلىدۇ، گۆشلىرىنى كەمبەغەللەر ۋە يېقىن – يورۇقلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.

تەخمىنەن 2 مىليون ھاجى قۇربان ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى ھەج ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تەخمىنەن ئىككى مىليون مۇسۇلمان ھاجى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە غەربىي سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىنا رايونىدا، يىللىق ھەج ئىبادىتىنىڭ مۇھىم مۇراسىملىرىدىن بىرى بولغان جەمەرات تۈۋرۈكلىرىگە تاش ئېتىشقا باشلىدى.

جەمەراتۇل ئەقەبەگە تاش ئېتىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ھاجىلار تۆت كۈنلۈك قۇربان ھېيىتنىڭ باشلانغۇچىنىڭ سىمۋولى بولغان قۇربانلىق قىلىش قاتارلىق باشقا ھېيت ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ھاجىلار تەشرىق كۈنلىرى (يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 1 – 2 – 3 كۈنلىرى) داۋامىدا مىنادا قالىدۇ ۋە تاش ئېتىش ئىبادىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ھاجىلارنىڭ ئەرەفات تېغىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېتىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا ئىلغار سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئالتە كۈنلۈك ھەج ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش باسقۇچى چارشەنبە كۈنى باشلانغان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستاتىستىكا باش ئىدارىسى ھىجرىيە 1446 - يىلى ھەج پائالىيەتلىرىگە چەت ئەلدىن كەلگەن 1 مىليون 506 مىڭ 576 ھاجى، قالغانلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىدىن تەشكىل تاپقان 166 مىڭ 654 ھاجى بولۇپ، جەمئىي  1 مىليون 673 مىڭ 230 ھاجىنىڭ قاتناشقانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۆتكەن يىلى دۇنيادىكى 200 دۆلەتتىن كەلگەن 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ھاجىلار ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغانىدى.

ئىسلام ئېتىقادىدا ھەج ئىسلامنىڭ بەش شەرتىدىن بىرى بولۇپ، ماددىي شارائىتى يار بەرگەن ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۆمرىدە كەم دېگەندە بىر قېتىم ئادا قىلىشىغا تېگىشلىك ئىبادەتتۇر.

ھەج ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرىنى چۈشەندۈرۈشنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى باشتىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلارنى خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلغان بىرقاتار ئىبادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى