خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ سودا جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي كورېيەدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ سودا جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە كۆرۈشتى
ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ سودا جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە كۆرۈشتى / AP

 ئىككى رەھبەر سودا ۋە غەززەدىكى ۋەزىيەت شۇنداقلا رايونلۇق مۇقىملىق قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشتا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ پورت شەھىرى بوساندا بىر يەرگە جەم بولۇپ، سودا جىددىيچىلىكلىرىنى پەسەيتىش ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشنىڭ باشلىرىدا ترامپ، سۆھبەت باشلىنىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېقىن كەلگۈسىدە بىر سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ: «خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكانى قايتىدىن قۇدرەت تاپقۇزۇش پىلانىغا ئاساسەن داۋاملاشماقتا» دېدى، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ «شېرىك ۋە دوست» بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ، تارىخنىڭ بىزگە ئۆگەتكىنى ۋە رېئاللىقنىڭ تەلىپىدۇر.»

شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سودا سۆھبەتلىرىدە ھاسىل قىلىنغان «ئاساسىي پىكىر بىرلىكى» ۋە «كەڭ دائىرىلىك ئىلگىرىلەش» نى ماختاپ، سۆھبەتلەر ئۈچۈن زۆرۈر شەرتلەرنىڭ ھازىرلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت ترامپ ئەپەمدىم! مەن ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس تۇرغۇزۇش يولىدا سىز بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا تەييارمەن.»

شى جىنپىڭ يەنە، ترامپنى «تۈرلۈك رايونلۇق جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى» ماختاپ، ئامېرىكا رەھبىرىنىڭ «غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاسىل قىلىنىشى» ۋە كامبودژا بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشىغا قارىتا تىنچلىق كېلىشىمىگە قوشقان «زور تۆھپىسى» نىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي بىلەن ئامېرىكا بۈيۈك دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، زىممىمىزگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى بىرلىكتە ئۈستىمىزگە ئالالايمىز ھەمدە ھەر ئىككى دۆلىتىمىز ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن زور ھەم ئەمەلىي ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلالايمىز.»

 ترامپ شى جىنپىڭنى «قىيىن سۆھبەتچى»، شۇنداقلا «بۈيۈك دۆلەتنىڭ بۈيۈك رەھبىرى» دەپ تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىدىغان قالتىس بىر مۇناسىۋىتىمىز بولىدۇ ھەمدە سىزنى ئوتتۇرىمىزدا كۆرۈش شەرەپتۇر. ئۇچرىشىش ناھايىتى ئۈنۈملۈك ۋە ئىجابىي بولدى.»

شى جىنپىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي كۈچنىڭ «ئاندا – ساندا سۈركىلىشلەرگە دۇچ كېلىشىنىڭ نورمال ئەھۋال» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ «دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى» تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى