ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ۋەزىرى رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شەرق-غەرب نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ مۇھىم ئېكسپورت يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى / AP

سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار مۇنبىرى يىغىنىدا داۋاملىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەردى. ئېنېرگىيە ۋەزىرى رايونلۇق بازارلاردىكى قالايمىقانچىلىقلارغا قارشى تۇرۇشتا، شەرق-غەرب نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ تاللاش خاراكتېرلىك ئېكسپورت يولى سۈپىتىدىكى رولىغا دىققەت تارتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ۋەزىرى شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان خان جەمەتىنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا يەر شارىنى ئۈزلۈكسىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىيىنچىلىقلارنى ھەر ۋاقىت يېڭىشكە قادىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شاھزادە ئابدۇلئەزىز رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن 17-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئېنېرگىيە مۇنبىرى مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ (IEF17) ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا: «خان جەمەتى ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، سېلىنمىلارنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تۈرلۈك شارائىتلار بىلەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىدى» دېدى.

شاھزادە يەنە: «ھېچكىم بىزنىڭ ئىرادىمىزنى سۇندۇرالمايدۇ. بىز ھەر قېتىم كۈل ئارىسىدىن قايتا تۇغۇلغان ئەنقا قۇشىغا ئوخشايمىز... شۇڭا، بۇ دۆلەتنىڭ ۋە رىيادنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىمدىن خۇشالمەن» دەپ تەكىتلىدى.

ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ چىدامچانلىقى ھەققىدە توختالغان شاھزادە ئابدۇلئەزىز، قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى يەنبۇ ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىغا تاللاش خاراكتېرلىك دېڭىز يولى ئېكسپورت كارىدورى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك شەرق-غەرب نېفىت تۇرۇبا يولىنى خان جەمەتىنىڭ مەشغۇلات چىدامچانلىقىنىڭ ھالقىلىق ئۈلگىسى سۈپىتىدە كۆرسەتتى.

ۋەزىر 6-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۇرۇبا يولىنىڭ كۈنىگە 5 مىليون 800 مىڭ ۋارىل نېفىت توشۇيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

شاھزادە ئابدۇلئەزىز كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىرلا دۆلەت يالغۇز ئۈستىگە ئالالمايدىغان ئورتاق مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

 ئۇ يەنە رىيادنىڭ ھىدروكاربونلار، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، يادرو ۋە گېئوتېرمال ئېنېرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
قازاقىستان بىلەن گېرمانىيە تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
خىتاي بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، كۆمۈر سودىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتىدە كېلىشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
ئېنېرگىيەدە تارىخىي بۇرۇلۇش: سىلانېتس گازى ۋە سىلانېتس نېفىتى تەڭلىمىگە كىرمەكتە
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) دۇنيا مىقياسىدا يەنە 50 مىڭ خادىمىنى قىسقارتىدۇ
تۈركىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئېكسپورتى 25 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
گازپروم: ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدىكى قىسچىلىق تەمىنات خەۋپى ياراتماقتا
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە دۇنيادا 5-، قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
ياۋروپادىكى قۇش زۇكىمى تۈركىيە تۇخۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
شەرقىي قارادېڭىزدىن 115 دۆلەتكە 831 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئېكسپورت قىلىندى