ئەردوغان يېڭى يىل كېچىسى ئەسكەرلەرگە قىلغان سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ھەربىي نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلىدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش يېڭى، كۈچلۈك ۋە بۈيۈك تۈركىيەنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

By
ئەردوغان يېڭى يىل كېچىسى ئەسكەرلەرگە قىلغان سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ھەربىي نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلىدى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن مۇداپىئە ساھەسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى؛ بۇ قەدەملەرنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ «يۇرتتا تىنچلىق، جاھاندا تىنچلىق» دېگەن تاشقى سىياسەت پىرىنسىپى بىلەن ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى ۋە بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتىدىكى «ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتكۈچى» تەرەققىياتلارنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز رايونىمىزدا ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىۋاتىمىز»

ئۇ يېڭى يىل كېچىسى پايتەخت ئەنقەرەنىڭ پولاتلى رايونىدىكى زەمبىرەكچى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەكتىپى قوماندانلىق ئىشتابىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي خادىملارغا تېلېفون ئارقىلىق سۆز قىلدى.

ئەردوغان ئالتاي تانكىلىرى، فىرتىنا (بوران) توپلىرى، ئاتاك تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى، قوراللىق ۋە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار، ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، ئۇرۇش پاراخوتلىرى، سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە كاپىتانسز  سۇ ئاستى، سۇ ئۈستى پاراخوت... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيەنىڭ كېڭىيىۋاتقان قورال كۈچى ۋە دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«بىز مۇداپىئەنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە زور بىر بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىمىز» دېگەن ئەردوغان، دۆلەتنىڭ ئۆز بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز-ئۆزىگە يېتەرلىك ھەربىي ئۇل ئەسلىھە قۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان «ئېغىر خىرىس ۋە توسالغۇلار»غا قارىماي، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەبەدىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر «تارىخىي پۇرسەت»نى چىڭ تۇتقانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا «يېڭى، كۈچلۈك ۋە بۈيۈك بىر تۈركىيە» قالدۇرۇش ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.