خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
مېكسىكا كۇباغا مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماتېرىياللىرى ئەۋەتتى
مېكسىكا پىرېزىدېنتى كلاۋدىيە شېينبائۇم ھۆكۈمىتى كۇبانىڭ يېقىلغۇ قىسلىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك توك توختاپ قېلىش مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىشى سەۋەبىدىن، بۇ دۆلەتكە قىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە.
مېكسىكا كۇباغا مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماتېرىياللىرى ئەۋەتتى
مېكسىكا كۇباغا مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماتېرىياللىرى قاچىلانغان يەنە ئىككى پاراخوت ئەۋەتتى / Reuters

مېكسىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى كۇباغا مىڭ توننىدىن ئارتۇق ماددىي ئەشيا توشۇيدىغان قوشۇمچە ئىككى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پاراخوتى ئەۋەتتى.

«El Universal» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «Papaloapan» ۋە «Huasteco» ناملىق ئەشيا ئوبوروتى ياردەم پاراخوتلىرى (پۇرچاق ۋە سۈت پاراشوكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) جەمئىي مىڭ 193 توننا  ئوزۇقلۇق بىلەن ۋېراكرۇز پورتىدىن يولغا چىققان.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرى ئارىسىدا مېكسىكا شەھىرى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تارىخىي مەركەزدە قۇرۇلغان ياردەم توپلاش ئورنىدا جەم قىلىنغان 23 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرىمۇ بار ئىكەن.

دېڭىز سەپىرىنىڭ تەخمىنەن تۆت كۈن داۋاملىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر پاراخوتلاردا 350 تىن ئارتۇق دېڭىز ئارمىيە خادىمى، بىر كىران ۋە بەش يۈك كۆتۈرۈش ماشىنىسى بار ئىكەن.

كلاۋدىيە شېينبائۇم ھۆكۈمىتى ئىلگىرى كۇباغا 814 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۇبانىڭ ئىتتىپاقدىشى ۋېنېزۇئېلادىن كېلىدىغان نېفىت توشۇش ئىشلىرىنى توسۇش ھەرىكىتى ۋە دۆلەت ئۈستىدىكى بېسىمىنى كۈچەيتىشى سەۋەبىدىن،  كۇبا يېقىنقى ئون يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېسىمى بۇ دۆلەتتە يېمەكلىك ۋە قاتناش تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋەتتى، ئېغىر يېقىلغۇ قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك توك توختاپ قېلىش ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى