پاكىستان-ئافغانىستان سۆھبىتى ئىستانبۇلدا داۋاملىشىدۇ

پاكىستان بىلەن ئافغانىستان 6-نويابىر ئىستانبۇلدا سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئۇرۇش توختىتىش داۋاملىشىدۇ.

ئافغانىستان بىلەن پاكىستان 6-نويابىر ئىستانبۇلدا سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستان-ئافغانىستان سۆھبىتىنىڭ ئىستانبۇلدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى ئىستانبۇلدا داۋام قىلىدىكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ سۈلھىنى نازارەت قىلىش ۋە دەلىللەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا، ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ 6-نويابىر ئىستانبۇلدا تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە شۇ ۋاقىتقىچە ئۇرۇش توختىتىشنى ساقلاپ قېلىشقا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق پەيشەنبە (30-ئۆكتەبىر) كۈنى: «بارلىق تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشتى. ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرى 2025-يىلى 6-نويابىر ئىستانبۇلدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ» دېدى.

مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارلىق تەرەپلەر «تىنچلىقنى ساقلاش ۋە خىلاپلىق قىلغان تەرەپكە جازا قوللىنىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان» نازارەت قىلىش ۋە دەلىللەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشقا كېلىشكەن.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركىيە بىلەن قاتار ۋاستىچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپ تۆھپىسىنى تەقدىرلەيدۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.»

ئافغانىستان ۋە پاكىستان ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت بىر قانچە كۈنلۈك ئەنقەرە بىلەن دوھا باشچىلىقىدا بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان ۋاسىتىچىلىقتىن كېيىن ئىستانبۇلدا ئاياغلاشتى. ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زابىھۇللا مۇجاھىد ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوھا، بىر نەچچە كۈنلۈك قانلىق چېگرا توقۇنۇشلىرىدىن كېيىن 19-ئۆكتەبىر ئىسلامئاباد بىلەن كابۇل ئوتتۇرىسىدا قاتار بىلەن تۈركىيە ۋاسىتىچىلىقىدىكى سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇرۇش توختىتىشقا ئېرىشتى.

ئىككى تەرەپ ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا.

تەھرىقى تالىبان پاكىستان (TTP) جىددىيلىكنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى

پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا مۇھەممەد ئاسىف گېئو نىيۇس (Geo News) قانىلىغا: «قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن تىنچلىققا يەنە بىر پۇرسەت بېرىش قارارى پاكىستان تەرىپىدىن چىقىرىلدى، شۇنداقلا تۈنۈگۈن (29-ئۆكتەبىر) كېچە يۇرتىغا قايتىشقا تەييارلانغان پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىستانبۇلدا قېلىشى تەلەپ قىلىندى» دېدى.

پاكىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلىدە ئالدىنقى سەپ دۆلىتى بولۇپ، 4 مىليونغا يېقىن ئافغانىستان مۇساپىرىنى كۈتۈۋالغان ئىدى.

بىراق، تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى، بولۇپمۇ پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى (TTP) تەرىپىدىن پاكىستان ئىچىدە سادىر قىلىنغان زوراۋانلىقلار، ئافغانىستان تالىبانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى زور دەرىجىدە كەسكىنلەشتۈردى.

ئافغانىستان تالىبانلىرى 2021-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى قىسىملار چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، كابۇلدا ھاكىمىيەتنى قايتىدىن قولغا ئالغان ئىدى.

پاكىستان ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل (2025) ھازىرغا قەدەر ئاساسەن 311 ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 دىن ئارتۇق ئادەم پاكىستان تالىبانلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ھۇجۇملاردا جېنىدىن ئايرىلغان.

پاكىستان ئافغانىستاننى تەھرىقى تالىبان پاكىستان تېررورلۇق گۇرۇھىنى ئۆز زېمىنىدا پاناھلاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەيدۇ، كابۇل بۇنى رەت قىلىدۇ.