خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
مالايسىيا سۇلتانى ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلمەكچى بولغان «قارا بۈركۈت» تىك ئۇچار كېلىشىمىنى توسۇپ قويدى
سۇلتان ئىبراھىم مالايسىيا ئالاھىدە مۇلازىمەت پولكىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە مۇراسىمىدا: «بىز ئۇچقۇچىلىرىمىزنى ئۇچار تابۇتقا ئولتۇرغۇزماقچىمۇ؟ ئۆزۈڭلار ئويلاپ بېقىڭلار» دېدى.
مالايسىيا سۇلتانى  ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلمەكچى بولغان «قارا بۈركۈت» تىك ئۇچار كېلىشىمىنى توسۇپ قويدى
مالايسىيا سۇلتانى ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلمەكچى بولغان «قارا بۈركۈت» تىك ئۇچار كېلىشىمىنى توسۇپ قويدى / Reuters

مالايسىيا پادىشاھى سۇلتان ئىبراھىم شەنبە كۈنى ئارمىيەگە ئون نەچچە يىللىق «قارا بۈركۈت» (Black Hawk) تىك ئۇچارلىرىنى سېتىۋېلىش پىلانىنى توختىتىش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىپ، بۇ تىك ئۇچارلارنى «ئۇچار تابۇتلار» دەپ ئاتىدى.

سۇلتان ئىبراھىم مالايسىيا ئالاھىدە مۇلازىمەت پولكىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن جوخور ئۆلكىسىنىڭ مېرسىڭ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن پاراتتا: «بىز ئۇچقۇچىلىرىمىزنى ئۇچار تابۇتقا ئولتۇرغۇزماقچىمۇ؟ ئۆزۈڭلار ئويلاپ بېقىڭلار» دېدى.

سۇلتان ھەربىي رەھبەرلەرنى 1980-يىللاردىكى خاتالىقنى تەكرارلىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ ۋاقىتتا مالايسىيا ئامېرىكىدىن 40 دانە كونا A-4PTM SkyHawk تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ ئايروپىلانلار مۇلازىمەت ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ھادىسە نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن نام چىقارغان ئىدى.

«بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭلار»

سۇلتان ئىبراھىم ئامېرىكىادىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركىتى فېسبۇك ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ جاسۇس ياكى سېتىش ۋەكىلىگە ئايلانغان سابىق گېنېراللار بىلەن تولۈپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايمەن. ھەتتا بىزگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساتماقچى بولغان توقۇمىچىلىق شىركەتلىرىمۇ بار» دېدى.

مالايسىيا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى بولغان 66 ياشلىق رەھبەر، مەسئۇللارنى ۋاسىتىچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى ئارمىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى.

«ئارمىيەنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەرنى سېتىۋېلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭلار. ئەگەر ھەقىقىي باھاسىنى بىلمىسەڭلار، ئالدى بىلەن مەندىن سوراڭلار. مېنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ باقماڭلار. ئەگەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاشنى خالىمىساڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنى قايتا ئاگاھلاندۇرمايمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Several US soldiers killed as army helicopters crash in Kentucky

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»