خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى ۋە ھورمۇزدىكى «باج سىستېمىسى» غا نارازىلىق بىلدۈردى.
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى / AP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە بەزى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، تېھران ھۆكۈمىتىنى ھورمۇز بوغۇزىدا «ئۆتۈش بېجى سىستېمىسى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

ماركو رۇبىيو، شۋېتسىيەدىكى ناتو (NATO) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن بۇرۇن ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەن بىرگە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «بىر ئاز، كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى بىلدۈردى.

رۇبىيو: «بىر ئاز كىچىك ئىلگىرىلەش بار، بۇنى مۇبالىغە قىلىۋېتىشنى خالىمايمەن، ئەمما بىر ئاز ھەرىكەتچانلىق بولدى ۋە بۇ ياخشى ئىش» دېدى ھەمدە، «تۈپ مەسىلىلەرنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى» تەكىتلىدى ۋە «ئىران ئەسلا يادرو قورالىغا ئىگە بولالمايدۇ، بۇنى ئىشلىيەلمەيدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Rubio sees hope for talks to end US-Israeli war on Iran ahead of Pakistan army chief's Tehran visit

رۇبىيو، واشىنگتوننىڭ ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇران قويۇقلاشتۇرۇش ۋە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇقلاشتۇرۇلغان ئۇران زاپاسلىرى مەسىلىسىنىڭ چوقۇم مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئامېرىكالىق مىنىستىر يەنە، ئىراننى ھورمۇز بوغۇزىدا بىر «ئۆتۈش بېجى سىستېمىسى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى ۋە تېھراننىڭ ئومان دۆلىتىنى بۇ تەشەببۇسقا قوشۇۋېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«دۇنيادا ھېچقانداق دۆلەت بۇنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك» دېگەن رۇبىيو، بۇنداق بىر ئەھۋال ھورمۇز بوغۇزىدا يۈز بەرسە، باشقا رايونلاردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەشەببۇسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. رۇبىيو ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق بەھرەيننىڭ يېتەكچىلىكىدە تەييارلانغان بىر قارار لايىھەسى ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خەلقئارادا كەڭ قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan ramps up US-Iran mediation as Trump warns things could turn 'nasty'

رۇبىيو: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنىلا خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ، يوقمۇ كۆرۈپ باقايلى» دېدى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بۇ لايىھەنى رەت قىلىشقا (ۋېتو قويۇشقا) تەييارلىنىۋاتقان بەزى ئەزالارنىمۇ تەنقىد قىلدى.

ناتو باش كاتىپى رۇتتې بولسا شۋېتسىيەدىكى يىغىندىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرى، ئۇكرائىنا ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سايىسىدا دېڭىز سودىسىدا ئەركىن ئايلىنىش مەسىلىلىرىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رۇتتې: «بۇ يەردىكى نۇرغۇن سەپداشلىرىمدىن، ھازىرقى ۋاقىتتا دېڭىزلاردا ئەركىن ئايلىنىش ھوقۇقىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان شەكىلدە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمەن» دېدى ھەمدە ئامېرىكاغا ئۇكرائىناغا بەرگەن ھەربىي ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

رۇبىيو يەنە، ناتونىڭ كەلگۈسىدىكى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىتتىپاق تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم يىغىنلاردىن بىرى بولالايدىغانلىقىنى، كۈنتەرتىپتە مۇداپىئە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشى، مەسئۇلىيەتنى ئورتاقلىشىش ۋە يەر شەرى بىخەتەرلىكى تېمىلىرىنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى