ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
توكيودىكى سىياسىي مۇقىملىق شەكىللەندۈرگەن ئىشەنچ مۇھىتى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلدى؛ «Nikkei» كۆرسەتكۈچى 57 مىڭ نۇقتىدىن ئاشتى؛ جانلىنىش پۈتۈن ئاسىياغا كېڭەيدى.
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
توكيونىڭ ئاساسىي كۆرسەتكۈچى نىككېي 225 بىر ۋاقىتتا بەش پىرسەنتتىن ئارتۇق ئۆرلەپ، 57,000 نومۇرنى تۇنجى قېتىم بۆسۈپ ئۆتتى. / Reuters

ياپونىيەدە پاي چېكى قىممىتى باش مىنىستىر سانائې تاكائىچىنىڭ تارىخىي سايلام غەلىبىسىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلاردا كۈچلۈك سىياسىي مۇقىملىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىشى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى. «Wall Street» بازىرىنىڭ يۇقىرى نۇقتىدا يېپىلىشىمۇ ئاسىيا بازارلىرىدىكى ئۈمىدۋارلىقنى ئاشۇردى. توكيونىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى بولغان «Nikkei 225» دۈشەنبە كۈنى %5 تىن ئارتۇق ئۆرلەپ، تۇنجى قېتىم 57 مىڭ نۇقتىدىن ئاشتى. بازارلار تاكائىچىنىڭ مالىيە رىغبەتلەندۈرۈش پىلانلىرىغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇردى، پاي چېكىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ يەننىڭمۇ قىممىتى ئۆستى.

تاكائىچى رەھبەرلىكىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى تۆۋەن پالاتادا تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشىپ، كەڭ كۆلەملىك چىقىم پىلانلىرى ۋە باجنى كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى. تاكائىچى سايلامدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە: «بىز مالىيە سىياسىتىنىڭ سىجىللىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمىز ۋە زۆرۈر مەبلەغلەرنى سالىمىز. ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي ساھە بىرلىكتە مەبلەغ سېلىشى كېرەك. بىز كۈچلۈك ۋە چىدامچان ئىقتىساد بەرپا قىلىمىز» دېدى.

تەھلىلچىلەر بۇ غەلىبىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سىياسىي خەۋپلەرگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. «Capital.com»دىن كايىل روددا، بۇ نەتىجىنىڭ تاكائىچىنى ئىقتىسادىي پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك ھوقۇق بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. «Saxo Markets»تىن چارۇ چانانا بولسا، ئېنىق سايلام غەلىبىلىرىنىڭ تۇراقسىزلىقنى ئازايتىدىغانلىقىنى، لېكىن قەرز نىسبىتى ئېشىپ كەتسە، ئۇزۇن مۇددەتتە مۇرەككەپ ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ھازىرچە مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ خەۋپلەرگە پەرۋا قىلمىدى؛ خوڭكوڭ، شاڭخەي، سىدنىي ۋە سىنگاپور بازارلىرىدىمۇ ئالاھىدە ئۆرلەش كۆرۈلدى.

سېئۇل پاي چېكى بازىرىدا «Samsung» پاي چەكلىرى يېڭى ئەۋلاد «HBM4» ئۆزىكىنى ئىشلەپچىقىرىش خەۋىرىدىن كېيىن %6 ئۆرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «Dow Jones» كۆرسەتكۈچى تۇنجى قېتىم 50 مىڭ نۇقتىدىن ئاشتى. باشقا بازارلاردا ئالتۇن ۋە كۈمۈش تۇراقلىق ھالەتنى ساقلىغان بولسا، نېفىت باھاسى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يادرو سۆھبەتلىرىدىن كېيىنكى جىددىيچىلىكنىڭ سۇسلىشىشى بىلەن بىر ئاز تۆۋەنلىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
خىتاي: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھەققىدىكى دەۋالارنى تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
غەززەدە ناسىر دوختۇرخانىسى ۋەھشىيانە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
كونگودا ئېبولا يۇقۇمى سەۋەبىدىن 6 ئاي ئىچىدە 5 مىڭ كىشى قازا قىلدى
پاكىستاندا ساقچى ئەترىتىگە قوراللىق پىستىرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى قارشى ئالدى