ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى: ئىسرائىلىيە پەلەستىننى ھەرگىزمۇ يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى: ئىسرائىلىيە پەلەستىننى ھەرگىزمۇ يوق قىلىۋېتەلمەيدۇئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن ئالجىرىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى: ئىسرائىلىيە پەلەستىننى ھەرگىزمۇ يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ / AA

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ھاياتنى ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ «پەلەستىننى ھەرگىزمۇ يوق قىلىۋېتەلمەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

ئالجىرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (APS) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالجىرىيە مۇجاھىدلار (ئۇرۇش شېھىتلىرى) ۋە ھەق - ھوقۇق ئىگىلىرى ئىشلىرى مىنىستىرى ئابدۇلمەلىك تاچېرىفت، تەببۇننىڭ بۇ باياناتىنى پايتەخت ئالجىرىيەدە ھەر يىلى 29 - نويابىردا خاتىرىلىنىدىغان پەلەستىن خەلقى بىلەن ھەمنەپەس بولۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئوقۇپ ئۆتتى.

تەببۇن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارىتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ خەلقئارا قانۇننىڭ ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەببۇن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ھاياتنى ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستا پەلەستىن تۇپراقلىرىنىمۇ بېسىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى پەلەستىننى ھەرگىزمۇ يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلمىلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا ۋەيران قىلىش، سەھىيە سىستېمىسىنى نىشان قىلىش، قورشاۋغا ئېلىش ۋە ئاچلىققا مەھكۇم قىلىش، خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە پىسەنت قىلماسلىق ۋە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.

 خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورشاۋنى دەرھال ۋە تولۇق بىكار قىلىش ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىدىن خەلققە يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە چاقىرىمەن.»

ئالجىرىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ب د ت دا تولۇق ئەزا بولۇشى جەھەتتىكى قەتئىي پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن تەببۇن، بۇنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن «ئاساسلىق قەدەم» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «ئالجىرىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىنى قوللاش ئىرادىسى قەتئىي بولۇپ، ئۇلار تاكى تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، پايتەختى قۇددۇس بولغان ئەركىن ۋە مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ھەر جەھەتتىن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن قىلچە ئايانمايدۇ.»

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى