خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
ئامېرىكا دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئىران پورتلىرىنى دېڭىزدىن قورشاۋغا ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ بۇ قاراردىن كېيىن يەر شارى نېفىت بازارلىرىدا باھا تېز سۈرەتتە ئۆرلىدى.
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
ئامېرىكا ئىران نېفىت ئېكسپورتىنى توسۇشقا ۋەدە قىلغاندىن كېيىن، ئېنېرگىيە بازارلىرى داۋالغۇشقا چۈشتى. [سۈرەت: ھۆججەتتىن] / Reuters

ئامېرىكانىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئىران پورتلىرىغا قورشاۋ تەتبىقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، يەر شارى ئېنېرگىيە بازارلىرىدىكى مۇقىملىق ئۈمىدىگە يەنە بىر ئېغىر زەربە بولدى. بۇ قەدەم ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا قارشى ئۇرۇش باشلىشى بىلەن ئەۋجىگە چىققان توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

خەلقئارالىق ئۆلچەم ھېسابلانغان برېنت (Brent) نېفىتىنىڭ بىر ۋارىلى تەخمىنەن %7، ئامېرىكا ئۆلچىمى ھېسابلانغان غەربىي تېكساس خام نېفىتى (WTI) نىڭ بىر ۋارىلى بولسا %8 ئۆرلىدى. نېفىت باھاسى توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيان زور دەرىجىدە داۋالغۇپ تۇرماقتا. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى برېنت نېفىتىنىڭ بىر ۋارىلى تەخمىنەن 70 دوللار ئەتراپىدا بولغان بولسا، كېيىنچە ئەڭ يۇقىرى چەكتە 119 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنىدى.

ئالدىنقى جۈمە كۈنى، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىسىدا پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق سۆھبىتى ئالدىدا، نېفىت باھاسىنىڭ سەل تۆۋەنلىشى بىلەن بازارلاردا ئېھتىياتچان بىر ئۈمىدۋارلىق كۆرۈلگەن ئىدى. بىراق قورشاۋ قارارى بۇ ئىلگىرىلەشلەرنى تېزلا يوققا چىقىرىپ، باھانى قايتىدىن ئۆرلەتتى.

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) پىرېزىدېنت ترامپنىڭ باياناتىغا ئاساسەن، 13-ئاپرېل سائەت 10:00 (گىرىنۋىچ ۋاقتى 14:00) دىن باشلاپ، ئىران پورتلىرىغا كىرىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان بارلىق دېڭىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قورشاۋغا ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قورشاۋنىڭ پارس قولتۇقى ۋە ئومان قولتۇقىدىكى بارلىق ئىران پورتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىغا  بىردەك يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئىران سىرتىدىكى پورتلارغا بارىدىغان پاراخوتلارنىڭ ئەركىن قاتنىشىغا توسالغۇ بولمايدىغانلىقى ۋە سودا پاراخوتلىرىغا ئالدىن رەسمىي ئۇقتۇرۇش بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ