خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى
ھىندونېزىيەنىڭ فلورېس رايونىدا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 71 گە يەتتى.
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى

ئانتارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسى  15-ئاۋغۇست كۈنى فلورېس رايونىدا يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان. ئىدارە مەسئۇلى بېرتون پانجايتان يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 71 گە يەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ: «ھۆكۈمەتكە ۋاكالەتەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن.

مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئەڭ چوڭى 6.2 بال بولغان كەم دېگەندە 235 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شىمالىي سۇماترا ئىشتاتىدىكى پېماتاڭسىيانتار شەھىرى ئەتراپىدىمۇ 6.9 بال يەر تەۋرەپ، زور تالاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن.

ئاپەتتە 900 دىن ئارتۇق ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، 1300 دىن كۆپ ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان. 5 مىڭغا يېقىن كىشى ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن، فلورېس رايونىدىكى ئولتۇراق رايونلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان 700 كىلومېتىرلىق تاشيولنىڭ بىر قىسىم بۆلەكلىرى تاقىلىپ قالغان.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار