سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە بىرنەچچە ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى
دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ بىباشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن سېئۇلغا كېلىشىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن، شىمالىي كورېيە بىرنەچچە ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى.
شىمالىي كورېيە بىرنەچچە ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى
شىمالىي كورېيە بىرنەچچە ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى / AFP Archive

بۇ، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جائې ميۇڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، يادرو قوراللىرىغا ئىگە شىمالىي كورېيەنىڭ تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇشىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن شىمالىي كورېيە بىرنەچچە ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى.

سېئۇل باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«شىمالىي كورېيەنىڭ قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.»

ھەربىي دائىرىلەر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ «چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 08:10 ئەتراپىدا (خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى كۈنى سائەت 23:10) شىمالىي خۋاڭخائې ئۆلكىسىنىڭ جۇڭخۋا رايونىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى كېيىنچە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قىسقا مۇساپىلىك ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

شىمالىي كورېيە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئالدىنقى ئاينىڭ 8-كۈنى شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىن بىرنەچچە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن ئىدى.

سېنتەبىر ئېيىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئۇزۇن مۇساپىلىك يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردا ئىشلىتىلىدىغان قاتتىق يېقىلغۇلۇق موتور سىنىقىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى.

دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنىڭ موتورنىڭ توققۇزىنچى ۋە ئاخىرقى سىنىقى ئىكەنلىكىنى، يېڭى قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا تولۇق سىناق قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

 شىمالىي كورېيەنىڭ قورال - ياراغلاردىن ۋاز كېچىش نىيىتى يوق

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۇنجى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە كىم جوڭئۇن  بىلەن بىرنەچچە قېتىم كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ يىل يەنە كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

پيوڭياڭ كىم جوڭئۇننىڭ كەلگۈسىدىكى سۆھبەتلەرگە قاتنىشىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوللاۋاتقان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشنى چەكلەش قانۇنىنى رەت قىلماقتا.

شىمالىي كورېيە بۇ قېتىم دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىساد مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، جۈملىدىن ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كېلەر ھەپتە  جەنۇبىي كورېيەدە ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا  باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى.

شىمالىي كورېيە مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي باش مىنىستىرىمۇ قاتناشقان بىر پاراتتا ئەڭ يېڭى قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بەرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى