تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈرىيەگە تۇنجى قېتىم باش ئەلچى تەيىنلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نوھ يىلماز تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.
تۈركىيە ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈرىيەگە تۇنجى قېتىم باش ئەلچى تەيىنلىدى
تۈركىيە ئارىلىقتىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈرىيەگە تۇنجى قېتىم باش ئەلچى تەيىنلىدى / AFP

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نوھ يىلمازنى تۈركىيەنىڭ دەمەشىقتە تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىدى. بۇ، تۈركىيەنىڭ 13 يىلدىن بۇيان سۈرىيەگە تۇنجى قېتىم باش ئەلچى تەيىنلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ھەقتىكى قارار چارشەنبە كۈنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن «رەسمىي گېزىت»تە ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر يىلمازنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى يېڭى ۋەزىپىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

يىلماز بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

يىلماز ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «X» تە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت رىشتىسىدىن ئىلھام ئېلىپ، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قوشنىدارچىلىق پىرىنسىپلىرىغا ھەمدە رايونىمىزنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغان شەكىلدە راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە: «مەن تۈركىيەنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلىرىدە بەرگەن ياردىمى ۋە قوللىشىغا يېقىندىن گۇۋاھ بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيە دۆلىتى سۈپىتىدە، خەلقلىرىمىزنىڭ پاراۋانلىقى، تىنچلىقى ۋە ئورتاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى توم بارراك يېڭى تەيىنلەنگەن باش ئەلچى يىلمازنىڭ سۈرىيەدىكى «تارىخىي» ۋەزىپىسىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار