ئۇكرائىنا: رۇسىيە قارا دېڭىزدا ئىككى يۈك پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى
كىيېۋ دائىرىلىرى موسكۋانى قارا دېڭىزدا ئۇكرائىناغا يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى توشۇيدىغان يۈك پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا بىر پاراخوت خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
Ukraina, Odessa yéqinidiki Qara déngizda, Rusiyening Ukrainagha hujum qiliwatqan mezgilide yük paraxotliri körünüdu. 17-aprél 2025-yil (Arxiv). / Reuters
ئۇكرائىنا جۈمە (2026-يىلى 9-يانۋار) كۈنى رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرىدا ئىككى يۈك پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە پاراخوتتىكى سۈرىيەلىك بىر خىزمەتچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا قايتا قۇرۇش مىنىستىرى ئولېكسىي كۇلېبا تېلېگرامما (Telegram) قانىلىدا مۇنداق دېدى: «پاراخوتلارنىڭ بىرى جەنۇبتىكى چورنومورسك پورتىغا ئاشلىق بېسىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، يەنە بىرى بولسا، پۇرچاق توشۇۋاتقان بولۇپ، ئودېسسا پورتى ئەتراپىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ھۇجۇم سۈرىيە پۇقراسى بولغان بىر خىزمەتچىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»
ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بۇ رۇسىيەنىڭ پۇقرالارنى ھۇجۇم ئوبيېكتى، خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىنى ۋە يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتىنى قەستەن نىشانلىغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالىدۇر.»
ئۆتكەن ئاي (2025-يىلى دېكابىر) مۇ، ئۇكرائىنا رۇسىيەنى بىرى ئاپتەپپەرەس يېغى توشۇيدىغان، يەنە بىرى بولسا، يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتات ۋە باشقا يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى بېسىلغان ئىككى يۈك پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدا سالماق بولۇش چاقىرىقى
ئۆتكەن ئاي، رۇسىيەگە چېتىشلىق نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە قارا دېڭىزدا «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكى» نى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12-ئايدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن يۈزتۇرانە سۆھبىتىدە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا، پورتلار ۋە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىدىغان ھۇجۇملارنى «چەكلىك توختىتىش» قا چاقىرغان ئىدى.