ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەززەيدى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەززەيدى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدىئەلى ئەززەيدى: «تۈركىيەگە كۈنىگە 1 مىليون ۋارىل نېفىت بېرەلەيمىز»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى ئەززەيدى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئەنقەرە (ئانادولۇ ئاگېنتلىقى) — جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «رايونىمىزنىڭ ئەمدى ئۇرۇش، تېررورلۇق ۋە توقۇنۇشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات، پاراۋانلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىق بىلەن تىلغا ئېلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سارىيىدا، پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى ئەززەيدى بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھەرقايسى ساھەلەردىكى كېلىشىملەرنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەردوغان، ئەززەيدىنىڭ رايون ئىنتايىن قىيىن ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈۋاتقان بىر مەزگىلدە زىمىمسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى.

قېرىنداشلىق ئاساسىدا مۇناسىۋەتلەرنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «ئىران، سۈرىيە ۋە پەلەستىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇرۇش مۇھىتىنىڭ تەسىرى بىلەن سۆھبەتلەردە خەۋپسىزلىك، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش مەسىلىلىرىنىڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تولىمۇ ئەپسۇسكى، قوشنىمىز ئىراق بۇ ئۇرۇش ۋە مۇقىمسىزلىق مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بىز باشتىن-ئاخىر ئىراقنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە مۇقىملىقىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن ئايرىپ قارىمىدۇق، قارىمايمىز. رايونىمىزنىڭ ئەمدى ئۇرۇش، تېررورلۇق ۋە توقۇنۇشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات، پاراۋانلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىق بىلەن تىلغا ئېلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىزنىڭ ۋە تېررورلۇقتىن خالىي رايون تەسەۋۋۇرىمىزنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئىراقتىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورناتماقتىمىز.»

ئەردوغان British Petrol شىركىتى تىجارەت قىلىۋاتقان كەركۈك ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىدا تۈركىيە نېفىت شىركىتىگە پايچى بولۇش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئىراق بىلەن بولغان ۋە ئالدىنقى يىلى 17 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان سودا سوممىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايمىز» دېدى.

«ئىراقتىن كېلىدىغان 1 مىليون ۋارىل نېفىت ئېھتىياجىمىزنى قامدايدۇ»

ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى ئەززەيدىنىڭ سۆزىدە «تۈركىيەگە كۈنىگە 1 مىليون ۋارىل نېفىت بېرەلەيمىز» دېگەنلىكىنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «باشقا يەرگە مۇھتاج بولماڭلار دەۋاتىدۇ. 1 مىليون ۋارىل. دەرھال قوشنىمىز ئىراقتىن خۇدا خالىسا 1 مىليون ۋارىل نېفىتنى بۇ يەرگە يۆتكىسەك، ئېھتىياجىمىزنى قامدايدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلىتىدىغان رادىيونى تاقىۋەتتى
تۈركىيە ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەگىمۇ ئوت  ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتتى
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىسرائىلىيە غەززەگە قەتلىئام خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قىلدى
توقايېۋ پۇتىنغا «ئىستانبۇل فورمۇلاسى 2.0» غا قايتىش چاقىرىقىدا بولدى
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى