ترامپ تۈركىيەگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي تۈركىيەگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەقتە مەزكۇر قەدەمنىڭ تاشلىنىشىغا ئوچۇق - ئاشكارا قارشى چىقىۋاتقان نېتانياھۇنىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيەگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىش مەسىلىسىنى «ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن» كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ مەزكۇر سېتىش پىلانىنى تەستىقلايدىغان ياكى تەستىقلىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا ترامپ: «بۇنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى. ترامپ بۇ باياناتلارنى، بۇ قەدەمنىڭ تاشلىنىشىغا قارشى چىقىۋاتقان بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلدى.
مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى توم بارراك، ۋاشىنگتوننىڭ ئەنقەرە بىلەن «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسىغا قايتىدىن قاتنىشىش تەشەببۇسى مەسىلىسىدە سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
بارراك ترامپ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوتتۇرىسىدىكى «ئىجابىي مۇناسىۋەت» نىڭ «يېڭى بىر ھەمكارلىق مۇھىتى» ياراتقانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۈنۈملۈك «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئۈمىد قىلىمىزكى، بۇ سۆھبەتلەر ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ھەم تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ئېھتىياجىنى قامدايدىغان بىر ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»
ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىش ئالامەتلىرى
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «س - 400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيەنى 2019-يىلى «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. تۈركىيە ئىلگىرى پىروگراممىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئەنقەرەنىڭ CAATSA ئېمبارگولىرى مەسىلىسىدە ۋاشىنگتون بىلەن بولغان ئختىلاپنى ھەل قىلىشقا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمەنكى، بۇ توسالغۇنى پاچاقلاپ تاشلاشنىڭ بىر يولىنى پات يېقىندا تاپىمىز» دېگەن ئىدى.