يېقىنقى يىللارنىڭ بەلكىم ئەڭ ھالقىلىق كېلىشىملىرىدىن بىرى مەككىدە تۈزۈلدى... تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىمىشى ئىمزالاندى. نىشانى مۇداپىئە بولغىنى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەربىي مەسىلىلەر ئەقىلگە كەلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەمكارلىق ئىنتايىن كەڭ بىر جۇغراپىيەدە تولىمۇ ھالقىلىق نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
ئەلۋەتتە بۇ نۇقتىدا توختىلىشىمىز كېرەك بولغان ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بولۇشىدۇر.
تۈركىيە بۇ ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا مۇداپىئە سەنائىتى، يېڭى ئاۋلات ئۇرۇش دوكترىنىلىرى ۋە «نېمىنى، قانداق قىلىشنى بىلىش» قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا ئۈچ دۆلەتنىڭ مالىيە جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك ئەزاسىدۇر. ئىنتايىن كەڭ ماددىي ئىمكانىيەتلەر سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئارىلاشقان ئىشلارنىڭ «تېزلىشىشى» ئۈچۈن ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.
پاكىستان بولسا ئىسلام دۇنياسىنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بىردىن بىر ئەزاسى. بۇنىڭدىن باشقا 250 مىلىيوندىن ئاشىدىغان ئاھالىسى بىلەن ئىتتىپاقنىڭ ئەڭ نوپۇس سانى كۆپ دۆلىتىدۇر.
مەككە كېلىشىمىدىن نېمىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك؟
بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ياخشى بىلىش لازىم. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپا ئەڭ قالايمىقان دەۋرلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى ئېنىقسىز.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئۆزىنى دوزاخقا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىشغالچى تەپەككۇرى، ئىراننىڭ ئوتنى پۈتۈن پارىس قولتۇقىغا كېڭەيتىشىگە ئوخشاش نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەممىگە ئايان.
يەنە بىر تەرەپتىن ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا ۋەزىيەت بارغانسىرى كەسكىنلەشمەكتە. خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان كۈرىشى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا بالدۇرراق ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلاش خاھىشى مۇساپىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە. رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار، كۆچلەر، ئەنئەنىۋى ئۇرۇشلار، تور ھۇجۇملىرى ۋە گىبرىد (ئۆبجەش) تەھدىتلەر بەلكىم ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان دەرىجىدە زىچلاشتى.
نەتىجىدە ھەممەيلەن بىر ئامالىنى قىلىپ، بۇ يېڭى دەۋرگە ماسلىشىشقا، ئورنىنى كۈچەيتىشكە ۋە سىپىنى ئېنىق قىلىشقا تىرىشماقتا. بۇ نۇقتىدىن تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان كېلىشىم ئىنتايىن مۇھىم سالماققا ئىگە بولماقتا.
ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىمزاسى ئىنتايىن كەڭ بىر جۇغراپىيەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
نەجمەتتىن ئەرباكان ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوتسېنت دۆكتور گوكخان چىنكارانىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىتتىپاق كېلىشىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرى «ئورتاق ھەمكارلىقلار» ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
چىنكارا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ نۇقتىدا مالىيە كۈچى بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا چىقالايدىغانلىقىنى ۋە ئاساسەن ھەربىي لايىھەلەردە ئىنتايىن چوڭ تېزلىشىشلەرنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چىنكارا يەنە «بۇ نۇقتىدا ئەنقەرەنىڭ مۇداپىئە سەنائىتىدىكى يېتەكچى ئورنى ئىنتايىن قىممەتلىك. بەزى ھالقىلىق لايىھەلەردە تېخىمۇ تېز راۋاجلىنىش مۇساپىسىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن» دەيدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىردىن بىر ئالاھىدىلىكى مالىيە كۈچى ئەمەس ئەلۋەتتە. چىنكارا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن رايوندىكى ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
چىنكارا پاكىستان ئۈچۈن ئايرىلغان قوشۇمچە تېكىستتە ئەلۋەتتە بىرىنچى بولۇپ يادرو كۈچىنى ئىشارەت قىلىدۇ. ھەمدە ئىسلاماباد ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسەن ھاۋا ئارمىيەسى جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن ياخشى بىر ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
تۈركىيەنىڭ سۈرىيە، ئىراق، شەرقىي ئاقدېڭىز قاتارلىق يېقىن رايونلاردىكى تەسىرىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پارىس قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئۈستىدىكى كۈچىنى، پاكىستاننىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى ئاساسلىق رولىنى بىرلىكتە ئانالىز قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭا بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئاتقان ئىمزاسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ بىر مەيداندا تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىدۇ.
چىنكارا بۇ جەھەتتە ئايرىم بىر نۇقتا ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە: «كەلگۈسىدە قاتار ۋە مىسىر قاتارلىق ئوخشىمىغان دۆلەتلەر بۇ ئىتتىپاققا قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئىران ۋە يەمەن مەسىلىسى بۇنداق زىچ ۋە ئازابلىق ئۆتۈۋاتقاندا... ئۈچ تەرەپ ئىتتىپاقىنىڭ يەمەن مەسىلىسىدە ئەمەلىي بىر قەدەم تاشلىشىمۇ مېنىڭچە ھەيران قالارلىق ئىش بولمايدۇ» دەيدۇ.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە مەككە كېلىشىمىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟
مەككە كېلىشىمى جەھەتتىن توختىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ يېڭى مۇساپىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىدۇر.
گوكخان چىنكارا ئاۋۋال تەڭگىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىنى ئانالىز قىلىدۇ. ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن ناھايىتى قىزغىن ۋە ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەنمۇ ئىنتايىن يېقىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇلارغا ئىلاۋەتەن ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى سەۋەبىدىن دىققىتىنى باشقا رايونلارغا يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چىنكارا تۈركىيە-پاكىستان-سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كېلىشىمگە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىجابىي قارىلىدىغانلىقى ۋە ھەتتا قوللاپ قۇۋۋەتلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ئۈچ تەرەپ ئىتتىپاقىنىڭ ئىران ئۈستىدىمۇ تەسىر پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇنىڭ يەنە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە بولسا مەككە كېلىشىمىنىڭ بەلكىم ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچىلىرىدىن بىرىدۇر... تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى، زۆرۈر تېپىلغاندا بىر گۇرۇھ شەكلىدە ھەرىكەت قىلالايدىغان ئۈچ دۆلەتنى بىرلىكتە كۆرۈشتىن ئەلۋەتتە بىئارام بولىدۇ.
گوكخان چىنكارا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنى ئىچكى سىياسەتتە «بىزگە قارشى ئىتتىپاق قۇرۇلىۋاتىدۇ» دەپ ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى تەرەپكىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ. ئەمما ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا رۇخسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن يېڭى پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ئەمدى بىر ئامالنى قىلىپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىش يولىغا مېڭىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ.
چىنكارا ئاخىرىدا، گەرچە بۇ ئىتتىپاققا ھەربىي ئىلگىرىلەشلەر نۇقتىسىدىن باھا بېرىلسىمۇ، ئىتتىپاقنىڭ ئىنتايىن سالماق بىر دىيالوگ كۈچى بولىدىغانلىقىنى شۇندقلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق، كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقلار قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ ئىنتايىن ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

























