سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن كۇرسكى رايونىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشىغا ياردەم قىلغان شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىگە رەھمەت ئېيتتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن: «كورېيەلىك دوستلىرىمىز ھەمكارلىق، ئادالەت ۋە ھەقىقىي يولداشلىق روھى بىلەن ھەرىكەت قىلدى» دېدى.
پۇتىن كۇرسكى رايونىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشىغا ياردەم قىلغان شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىگە رەھمەت ئېيتتى
/ Reuters

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە قولدىن كەتكەن كۇرسكى چېگرا رايونىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشىدا موسكۋاغا ياردەم قىلغان شىمالىي كورېيەگە يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

پۇتىننىڭ كىرېمل سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا قىسىملىرىنى چېگرا رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقى، بۇ ياردەمنىڭ «خەلقئارا قانۇن»غا ۋە موسكۋا بىلەن پيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدا 2024-يىلى نويابىردا ئىمزالانغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىگە «تولۇق ئۇيغۇن» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

پۇتىن ئۇچۇرىدا يەنە: «كورېيەلىك دوستلىرىمىز ھەمكارلىق، ئادالەت ۋە ھەقىقىي يولداشلىق روھى بىلەن ھەرىكەت قىلدى. بىز بۇنى يۈكسەك قەدىرلەيمىز ھەمدە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا، كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق رەھبەرلىرىگە ۋە خەلقىگە چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

پۇتىن «يۇقىرى سەۋىيەدە  ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ «قەھرىمانلىق ۋە جان پىدالىق» نامايان قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «ۋەزىپىلىرىنى شەرەپ ۋە جاسارەت بىلەن ئورۇنداپ، ئۇنتۇلغۇسىز شۆھرەتكە ئېرىشكەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە «جەڭ مەيدانىدا مۇستەھكەملەنگەن رىشتىلەر» ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، قوشنىدارچىلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ «بارلىق ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىق تەرەققىي قىلىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

شەنبە كۈنى، رۇسىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋ رۇسىيەنىڭ كۇرسكى چېگرا رايونىدا كونتروللۇقنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ بايانات 2022-يىلى 2-ئايدا باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا پيوڭياڭنىڭ قاتناشقانلىقىغا ئائىت تۇنجى رەسمىي دەلىل ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ