خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھاماس بىلەن «ئىنتايىن ئىجابىي سۆھبەتلەر» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جاكارلىدى
ترامپ مىسىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتىن بۇرۇن، ھاماس بىلەن «ئىنتايىن ئىجابىي سۆھبەتلەر» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ترامپ ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ ھالقىلىق پەيتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ ھاماس بىلەن «ئىنتايىن ئىجابىي سۆھبەتلەر» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جاكارلىدى
ترامپ ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ ھالقىلىق پەيتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ غەززە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى دائىرىسىدىكى پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ مىسىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلىق يىغىندىن ئىلگىرى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ «Truth Social» ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «بۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھاماس ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەر (ئەرەب، مۇسۇلمان ۋە باشقا بارلىق تەرەپلەر) بىلەن ئىنتايىن ئىجابىي سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. مەقسەت — تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ مۇھىمى، ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان تىنچلىقنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇ سۆھبەتلەر ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ۋە تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. تېخنىكىلىق خادىملار دۈشەنبە كۈنى مىسىردا قايتا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاخىرقى تەپسىلاتلارنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىدۇ. ماڭا دېيىلىشىچە، بىرىنچى باسقۇچ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تاماملىنىشى كېرەككەن، مەن ھەممەيلەننىڭ تېز ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدىم.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ۋاقىت ئىنتايىن مۇھىم، بولمىسا زور قان تۆكۈلۈش يۈز بېرىدۇ» دېدى.

مىسىردىكى سۆھبەتلەر

يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ھاماس رەھبەرلىرىدىن خەلىل ھەييا باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مېخانىزمى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مىسىرغا يېتىپ كەلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

زىيارەتنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ياكى كۈنتەرتىپ تەپسىلاتى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بۇ يېڭى باسقۇچلۇق سۆھبەت غەززەدە ئىككى يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلار كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتىدە ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئىسرائىلىيە ئىلگىرى ترامپنىڭ غەززە پىلانى دائىرىسىدە ھاماس بىلەن ۋاسىتىلىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ دۈشەنبە كۈنى مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى داچىلار رايونى شەرمۇشلشەيخكە بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

29-سېنتەبىردە ترامپ بارلىق ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ پەلەستىنلىك مەھبۇسلار بىلەن ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۇرۇش توختىتىش، ھاماسنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى ۋە غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ماددىلىق بىر پىلاننى ئېلان قىلغان.

ھاماس بۇ پىلانغا پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، كېيىنكى قەدەملەر ئۈچۈن سۆھبەتنىڭ مىسىردا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 67 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. ئۈزلۈكسىز بومباردىمان بۇ رايوننى ياشىغىلى بولمايدىغان خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى