غەززە تاماقلىرى: شاد-خۇراملىق بايرام

غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تاماقلار ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئەينىكى ھەمدە قورشاۋ ئاستىدىكى تۇرمۇشىدا ئۆزلىرىگە ئېچىلغان پەنجىرە.

گازە یەمەكیەی / AA

بۈگۈن يېمەك-ئىچمەك بىلەن پەلەستىننىڭ كىملىكى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر باغلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. غەززەدە، بولۇپمۇ مۇساخان ۋە سۇماقىيەگە ئوخشاش يېمەكلىكلەر، تاماقلارنىڭ ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاشپەزلىك ئەنئەنىسىنىڭ قەيسەرلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.  پەلەستىنلىكلەرنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئىسرائىلىيە قورشاۋى ۋە بومباردىمانى ئاستىدىمۇ رېتسېپ ۋە مەھەللە تاماقلىرى ئارقىلىق مىراسلىرىنى قانداق ساقلاپ قالغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.

تاماق پۇرىقىنىڭ بىزنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان زامانغا، بىر پەيتكە ئېلىپ بېرىپ، بىزنى قانداق ئادەمگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ.

تاماقنىڭ قورسىقىمىزنى تويغۇزۇشتىن باشقا، سېھىرلىك كۈچىمۇ بار. بىر قانچە ئاددىي مالزىمىلەر بىر يەرگە كەلگەندە، ئەنە شۇنداق ئەھمىيەتلىك نەرسىلەر بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ مەدەنىيىتىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، بىزنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ، شۇنداقلا كەيپىياتىمىزغا پايدىلىق.

تاماق ھەر بىر جەمئىيەتتە، توي-تۆكۈنلەر، دەپنە مۇراسىملىرى، بايراملارغا ئوخشاش، ھاياتنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىن بېشارەت بېرىدۇ. تىنچلىق دەۋرىدە ياكى ئۇرۇشتا بولسۇن، تاماق بىزنى بىر-بىرىمىزگە ۋە ئۆتمۈشىمىزگە باغلايدۇ. بۇ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ مۇھىم.

غەززەدە تەخمىنەن 2 مىليون پەلەستىنلىك ياشايدۇ. بۇ يەردە غىزالىنىش قورساق تويغۇزۇشلا ئەمەس. ئۇ ھەر قانداق ۋاقىتتا تەھدىتكە ئۇچرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنى ھېسابلىنىدۇ.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان غەززەدە، 2 مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك ئېغىر ئاچارچىلىق كىرىزىسىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا. ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئاچارچىلىق خەۋىپىگە دۇچ كەلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن، ناۋايخانا ۋە يېمەك-ئىچمەك تارقىتىش مەركەزلىرى تاقالدى. ھازىر نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر سىرتتىن كېلىدىغان ياردەمگە موھتاج.

ئەسلىدە بۇ مەسىلە ئۇرۇشتىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان غەززەنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك مەنبەلىرىنى چەكلەپ توسماقتا ئىدى. بۇ ئەھۋال ئاستىدا، پەلەستىنلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يولىنى تاپتى: تاماقلار. بىز بىرلىكتە پەلەستىن كىملىكىنىڭ بۇ مۇھىم قىسمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ باقايلى:

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچى لەيلا ئەل خادداد دۇكە (Duke) ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لېكسىيەسىدە، «پەلەستىنلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالماقتا» دەيدۇ.

ئەل خاددادنىڭ «غەززە تائاملىرى: پەلەستىن ساياھىتى» ناملىق كىتابى بۇ تېمىدا يېزىلغان ئەڭ ئەتراپلىق ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا 130 رېتسىپ بار. بىراق ئۇلار پەقەت رېتسېپلا ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھېكايىسى، بىر ئەنئەنە. غەززەنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك قورۇمىلىرى، تەمگە تەم قوشىدىغان خۇشپۇراق قىيامى، ھەسەل شەربىتى قوشۇلغان تاتلىق تۈرۈملىرى-ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىتاب بەتلىرىدە ياشايدۇ.

غەززە دېڭىز بويىدىكى شەھەر. شۇڭا كىشىلەر «بۇ يەردە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى مول ۋە ئەرزان بولسا كېرەك» دەپ ئويلايدۇ. ئەمما،  ئۇنداق ئەمەس. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ بېلىقچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىشى سەۋەبىدىن دېڭىزدا بېلىق تۇتالمايتتى. ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنىڭ بىرى بولغان بېلىق، داستېرخانلىرىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.

شۇنداق بولسىمۇ، پەلەستىنلىكلەر يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر قىيىنچىلىققا بىر چارە تېپىپ كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى نەرسىگە رازى بولۇشنى ۋە يېڭى مېززىلىك تائام ئېتىشنى ئۆگەندى. ئۇلار ئۈچۈن تاماق ئېتىشمۇ ياشاش سەنئىتى.

 ئەمدى ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدە تاماقلىرى ئۈستىدە توختىلايلى:

«سۇماقىيە»- غەززەنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكىي تاماقلىرىنىڭ بىرى. بۇ تاماقنىڭ رېتسىپى 1225-يىلى يېزىلغان سەيياھ مۇھەممەد بىن ھەسەن ئەل باغدادىنىڭ كىتابىدا كۆرۈلىدۇ. تاماقنىڭ ئىسمى ئوتتۇرا شەرق يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان دورا-دەرمەك ھېسابلىنىدىغان سۇماقتىن كەلگەن. بۇ تاماق مۇنداق ئېتىلىدۇ: ئالدى بىلەن كىچىك-كىچىك توغرالغان پاخلان گۆشى  پىياز بىلەن قاينىتىلىدۇ. ئاندىن يېشىل كۆكتاتلار، سامساق، تاھىن، ئۇن، زەيتۇن يېغى، ئەلۋەتتە يەنە كۈنجۈت ۋە قىزىلمۇچ قوشۇلىدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە نان ۋە چىلانغان كۆكتاتلار بىلەن داستىخانغا قويۇلىدۇ.

سۇماقىيە بولۇپمۇ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، قۇربانلىق سويۇلغاندىن كېيىن دەرھال ئېتىلىدۇ. پەلەستىنلىكلەر بۇ تاماقنى بەرىكەتلىك تاماق دەپ قارايدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى ھازىر ناھايىتى قىممەت تاماققا ئايلاندى. غەززەدە يېمەك-ئىچمەك باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىشى سەۋەبىدىن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ %83 ى غەززەگە يېتىپ كېلەلمەيدۇ. شەھەرنىڭ جەنۇبىدا 25 كىلوگىراملىق بىر خالتا ئۇننىڭ باھاسى 150 دوللار. شىمالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى بۇ باھا 1000 دوللارغىچە چىقىدۇ. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى 12 تۇخۇمنىڭ باھاسى 3.50 دوللار ئىدى. ھازىر شەھەرنىڭ جەنۇبىدا 32 دوللار، يەنى ئون ھەسسىە قىممەت. شىمالىي قىسىمدا بولسا، بۇ باھا ئىككى قاتلىنىدۇ، يەنى 73 دوللار ئەتراپىدا.

بۇ شارائىتتا، پەلەستىنلىكلەر توختىماي يېڭى چارە تېپىشقا مەجبۇر بولدى. مەسىلەن، «رۇممانىيە» دەپ ئاتىلىدىغان تامىقى بار. بىر قاراشتا، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان سۇماقىيەگە ئوخشايدۇ، ئەمما ئىچىدە گۆش يوق. نامىنى ئەرەبچىدە ئانار مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدىن ئالغان بولۇپ، ماش ۋە پىدىگەن سېلىپ ئېتىلىدۇ.  بۇ تاماقنى ئىسسىق ياكى سوغۇق يېيىشكە بولىدۇ. ئادەتتە «داگگا غەزاۋىيا» دەپ ئاتىلىدىغان ئاچچىق قىيام بىلەن يېيىلىدۇ.

ئىسرائىلىيە 2009-2008-يىللىرى يېڭى ھۇجۇم قوزغىغاندا ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلاشقان ئىدى. بومباردىمان ۋە قامال ئاستىدا، غەززە خەلقى ئېغىر يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر قىشتىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن «خوبېزا» دەپ ئاتىلىدىغان كۆكتاتقا يۈزلەندى.

خوبېزا يىغىش ئاسان بولغان ياۋا ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلار ئىنتايىن مول. بۇ قىيىن كۈنلەردە ئاساسلىق ئوزۇقلۇق مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئاخىرىدا تاتلىق تۈرۈملەر توغرىسىدا توختىلايلى:

تاتلىق تۈرۈملەر قارىماققا پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن، ئۈمىدكە تولغان كېلەچەكنىڭ سىمۋولى. غەززەدىكى داڭلىق تاتلىق تۈرۈم «قۇنافە نەبۇلسىيە» دە بىر قانچە قەۋەت تاتلىق خېمىر ۋە پىشلاق بولىدۇ. پىشلاقلار ھازىر ئىشغال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نابلۇس شەھىرىدىن كېلىدۇ.

يەنە بىر داڭلىق تاتلىق تۈرۈم «قۇنافە ئەرەبىيە». ياغقا چىلانغان بۇلغۇرنىڭ ئۈستىگە شەربەت ۋە قۇرۇق يېمىشلار سېلىنىپ ياسىلىدۇ.

ھەر بىر تاماق پەلەستىن تاماقلىرىنىڭ ئۇزۇنغىچە بۇزۇلمايدىغانلىقىنى ۋە ئىجادچانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. تاماق ئۇلارغا نىسبەتەن قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مەۋجۇتلۇقنىڭ يولى. ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىز ئۈچۈن ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ خۇددىي «نېمە يىسەڭ، ئۇ سەن» دېگەندەك. ھەقىقەتەن شۇنداق! تاماق بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ، كەچۈرمىشلىرىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ۋە بىزنى يىلتىزىمىزغا باغلايدۇ.