سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرىدرىچ مېرز، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قورال مۇساپىسى چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ ئەمدىلىكتە رۇسىيە ھەربىي رايونلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلالايدىغانلىقىنى دەلىللەنگەن بولدى.
گېرمانىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى
گېرمانىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى / Reuters

گېرمانىيەنىڭ يېڭى باش مىنىسىتىرى، دۆلىتىنىڭ ۋە باشقا چوڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىدا ئۇكرائىناغا تەمىنلەنگەن قوراللارغا بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق مۇساپە چەكلىمىسى قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەخمىنەن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى بولغاندىن كېيىن، فرىدرىچ مېرز ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە غەربنىڭ ئۇكرائىناغا بولغان قوللىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك ھەرىكەتلەرنى باشلىدى.

مېرز دۈشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە: «ئۇكرائىناغا تاپشۇرۇلغان قوراللار ئۈچۈن ئەمدى نە ئىنگلىزلار، نە فرانسۇزلار، نە بىز، نە ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن ھېچقانداق مۇساپە چەكلىمىسى يۈرگۈزۈلمەيدۇ» دېدى.

مېرز «WDR» ئاممىۋى تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر مۇنبەردە سۆز قىلىپ: «بۇ، ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، مەسىلەن، رۇسىيەدىكى ھەربىي ئورۇنلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى ھەمدە ئىلگىرى بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەمما ھازىر مۇمكىن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مېرز سۆزىنى: «بىز بۇنى تېخنىكىلىق تىلدا ‹ئۇزۇن مۇساپىلىق ئوق چىقىرىش› دەيمىز، يەنى ئۇكرائىنانى، ئارقا سەپتىكى ھەربىي نىشانلارغا ھۇجۇم قىلالايدىغان قوراللار بىلەن تەمىنلەشنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

مېرز بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار ئۈستىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشىنى كۆزدە تۇتقان-تۇتمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

كرېمىل سارىيى: «ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش» دېدى

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ مېرزنىڭ باياناتلىر ئۈستىدە توختىلىپ، مۇساپە چەكلىمىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى مەقسەت قىلغان بىر قارارنىڭ «ئىنتايىن خەتەرلىك» بولىدىغانلىقىنى ۋە «سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تىرىشچانلىقىغا زىت كېلىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

پېسكوۋ: «ئەگەر بۇ يوشۇرۇن قارارلار ھەقىقەتەن ماقۇللانغان بولسا، سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىگە ئېرىشىش تىرىشچانلىقىمىزغا پۈتۈنلەي زىتتۇر» دېدى.

گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن كېيىن ئۇكرائىناغا ئەڭ كۆپ ھەربىي ياردەم بەرگەن ئىككىنچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

 مېرز ھۆكۈمىتى، سابىق باش مىنىستىر ئولاف شولز قىلىشنى رەت قىلغان ۋە مېرز ئۆكتىچى رەھبەر سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلغان تاۋرۇس ئۇزۇن مۇساپىلىق قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تەمىنلەش-تەمىنلىمەسلىك مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھازىرقى ھۆكۈمەت، شولز ھاكۆمىتىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا، «ئىستراتېگىيىلىك ئېنىقسىزلىق» ئېھتىياجىنى ئىما قىلىپ، ئەمدى ئۇكرائىناغا تەمىنلىگەن قوراللارنىڭ تولۇق تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاۋرۇس باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ مۇساپىسى 500 كىلومېتىر (310 مىل) غىچە يېتىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ