خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پارىس قولتۇقى ئەللىرى موسساد جاسۇسلىرىنى پارتلىتىش پىلانى بىلەن قولغا چۈشۈردى
ئامېرىكىلىق پودكاست رىياسەتچىسى، قولتۇق ئەللىرىنىڭ موسساد پېيىپازلىرىنى پارتلىتىش پىلانى تۈپەيلى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پارىس قولتۇقى ئەللىرى موسساد جاسۇسلىرىنى پارتلىتىش پىلانى بىلەن قولغا چۈشۈردى
پارىس قولتۇقى ئەللىرى موسساد جاسۇسلىرىنى پارتلىتىش پىلانى بىلەن قولغا چۈشۈردى / AP

ئامېرىكىلىق ئوبزورچى تاكېر كارلسون (Tucker Carlson)، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن رايون خاراكتېرلىك كەسكىنلىك كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتارنىڭ پارتلىتىش ھەرىكىتى پىلانلىغان ئىسرائىلىيە جاسۇسلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

Middle East Eye نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق كونسېرۋاتىپ پودكاست تارقاتقۇچىسى تاكېر كارلسون دۈشەنبە كۈنى ئې؛ان قىلغان باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتارنىڭ «ئۆز تۇپراقلىرىدا پارتلىتىش ھەرىكىتى پىلانلىغان ئىسرائىلىيەلىك موسساد جاسۇسلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى» ئېيتتى.

كارلسون پىروگراممىسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ مەقسىتىگە سوئال قويۇپ: «ئىسرائىلىيەلىكلەر نېمە ئۈچۈن ئىرانمۇ ھۇجۇم قىلىۋاتقان پارىس قولتۇقى ئەللىرىدە پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ؟ ئۇلار ئوخشاش تەرەپتە ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى. كارلسون يەنە: «ئىسرائىلىيە ئىرانغا، قاتارغا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا، بەھرەيىنگە، ئومانغا ۋە كۇۋەيىتكە زىيان يەتكۈزۈشنى خالايدۇ» دەپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ قەستەن مۇقىمسىزلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Podcaster Tucker Carlson briefly held then released by Israeli airport security: report

ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى فېۋرال ئېيىدا كارلسون ۋە ئۇنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنى، ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسى مايك خاككابى (Mike Huckabee) بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر سۆھبەتتىن كېيىن تېل ئاۋىۋدا قىسقا ۋاقىت قولغا ئالغان ئىدى. بۇ سۆھبەتتە خاككابى، يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىن تۇپراقلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش مەسىلىسىدە «ئىلاھىي بىر ھوقۇق» قا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ئايرىم بىر پەلەستىن مىللىي كىملىكى قارىشىنى رەت قىلغان ئىدى.

بۇ ۋەقە كارلسون بىلەن خاككابى ئارىسىدا تور دۇنياسىدا يۈز بەرگەن بىر زىددىيەتتىن كېيىن يۈز بەردى. كارلسون ئىسرائىلىيەنىڭ خىرىستىيانلارغا قارىتا «سۆز بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز» مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلغان ۋە خاككابىنى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە قۇدۇستا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان خىرىستىيانلارنى قوغداش ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

2025-يىلى غەززەدىن قاتارغا كەلگەن پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بالىلارنى قىرغىن قىلىشىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقارغان كارلسون، ئامېرىكا مەركەزلىك ۋە ئىسرائىلىيە تەرەپدارى بولغان بىر تەشكىلات تەرىپىدىن غەززەدىكى قىرغىنچىلىققا قارشى چىققانلىقى سەۋەبىدىن «يىلنىڭ يەھۇدىي دۈشمىنى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 500 Israeli, US military, strategic sites hit in escalating war, Iran says

كارلسون ئەڭ ئاخىرقى باياناتلىرىنى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە قىلدى. بىرلىكتە قىلىنغان ھۇجۇملاردا ئىران دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېي، يۇقىرى دەرىجىلىك نۇرغۇن باشقا ئەمەلدارلار ۋە يۈزلىگەن پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى. ھازىرغىچە بولغان ئەڭ شىددەتلىك ھۇجۇم شەنبە كۈنى يۈز بەردى. ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا 100 دىن ئارتۇق قىز بالا ئۆلتۈرۈلدى. ئىران بولسا رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ۋە مۇھىم نېفىت سودا يوللىرىدىكى قاتناشنى توسۇپ قويۇش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى
ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىشى پىلانلانغان مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلدى
شىمالىي كورېيە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى
ئەراقچى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن: «بۈگۈن ئېلىنغان قارارلار ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقلارنى بەلگىلەيدۇ»
جەنۇبىي كورېيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا 3 يىل كېيىن تۇنجى قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى