يېڭى سۈرىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا كىردى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «يېڭى سۈرىيەدە پ ك ك / ي پ گ ۋە دائىش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا ئورۇن يوق» دېدى.
00:00
فىدان: تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا كىردى
فىدان / User Upload

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىن، سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى، مۇداپىئە مىنىستىرى مۇرھەف ئەبۇ قەسرا ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئەنەس خەتتاب بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان 3+3 فورماتىدىكى يىغىندىن كېيىن شەيبانى بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

8-دېكابىردا بەششار ئەسەد تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن سۈرىيەدە يېڭى بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان، سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ پۇرسەتتىن توغرا پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر خاقان فىدان بۇ جەھەتتە سۈرىيەلىكلەرنىڭ باشلامچىلىقى ۋە ئىگىدارچىلىقىدا ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان بىر سىياسىي جەرياننىڭ بەرپا قىلىنىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «سۈرىيەدىكى بارلىق دىنىي، ئېتنىك ۋە مەزھەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ قۇچاقلىشىش ۋاقتى كەلدى. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ سىغدۇرۇشچان چۈشەنچە بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيىنىڭ سۈرىيەدىكى بارلىق تەركىبىي قىسىملارنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىگە قارىتىلغان تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز» دېدى.

بۇ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ سۈرىيەگە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر فىدان: «سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ تۇرۇشىغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. سۈرىيەنى رىقابەت مەيدانى ئەمەس، ھەمكارلىق مەيدانى دەپ قارىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكەن ئايدا تۈركىيەنىڭ دەمەشىق ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ: «ھەلەب كونسۇلخانىمىز 20-يانۋار كۈنى خىزمەت باشلايدۇ. تۈرك ھاۋا يوللىرى قاتنىشىمۇ يېقىندا باشلىنىدۇ» دېدى.

ئەسەد دەۋرى سۈرىيەسىنىڭ يىللار بويى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ماكان بولغانلىقىنى ۋە تېررورلۇق ئېكسپورت قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان فىدان: «يېڭى سۈرىيەدە پ ك ك / ي پ گ ۋە دائىش قاتارلىق تېرورچى تەشكىلاتلارغا ئورۇن يوق» دېدى.

مىنىستىر فىدان ئۆزىنىڭ سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەھەتتە ئەمەلىي قەدەم بېسىشقا ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە ۋە خەلقىگە «سۈرىيەدە ئىنقىلاب» باشلانغاندىن تارتىپ دۆلىتى بىلەن بىللە بولغان تۈركىيە ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە رەھمەت ئېيتقان ئەسەد ھەسەن شەيبانى بولسا: «سۈرىيە بىلەن تۈركىيە يېڭى بىر تارىخ يازدى» دېدى.

ئۇ بۇنىڭ قېرىنداشلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر تارىخ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، بۇ قېرىنداشلىقنىڭ رايوندا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە بىلەن سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى يېقىن كەلگۈسىدە «يېڭى ئۇپۇقلارغا قاراپ» ھەر خىل ساھەلەردە تېز تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان شەيبانى: «يېڭى ھۆكۈمەت سۈرىيە زېمىنىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىگە قارشى تەھدىت بولۇشتىن چىقىرىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ