سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خانوي بىلەن مادرىد ئىقتىسادىي ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا
ئىسپانىيە بىلەن ئاسىيانىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان ۋىيېتنام، ئامېرىكانىڭ ۋىيېتنام ماللىرىغا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مەھسۇلاتلىرىغا بۇ ھەپتە يۈرگۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان يۇقىرى تاموژنا بېجىدىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنماقتا.
خانوي بىلەن مادرىد ئىقتىسادىي ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا
Vietnam wants to upgrade ties with Spain to the level of comprehensive strategic partnership at the earliest opportunity. / Photo: AFP / AFP

ۋىيېتنام بىلەن ئىسپانىيە رەھبەرلىرى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بېرىشتى ھەمدە ئەركىن سودىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى تەكىتلىدى. بۇ قەدەم ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆزئارا تاموژنا بېجى سىياسىتىدىن زىيان تارتىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

ئىسپانىيە بىلەن ئاسىيانىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان ۋىيېتنام، ئامېرىكاغا كىرگۈزۈلىدىغان ۋىيېتنام ماللىرىغا %46 لىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مەھسۇلاتلىرىغا %25 لىك تاموژنا بېجىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ تاموژنا بېجىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇشى پىلانلانماقتا.

ۋىيېتنام ئىسپانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىمكانقەدەر تېزراق «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ قاراشنى ۋىيېتنام باش مىنىستىرى فام مىن چىن ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

چىن خانويدا سانچېز بىلەن ئۆتكۈزگەن ئورتاق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتقاندا، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار قانچە كۆپ بولسا، ھەمكارلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىكنى شۇنچە كۈچلۈك تەكىتلەش كېرەك» دېدى.

سانچېز ئىسپانىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىشنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە سودا تالاش-تارتىشلىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسپانىيە قائىدىگە ئاساسلانغان خەلقئارا تەرتىپنى، ئەركىن سودىنى ۋە ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىشنى قوللايدۇ ھەمدە سودا ئۇرۇشىنىڭ ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەستىن، ئەكسىچە ھەممىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دېدى.

سانچېز يەنە ئىسپانىيەنىڭ ۋېيتنامدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىشكە، جۈملىدىن تۆمۈر يول ئۇل ئەسلىھەلىرى ساھەسىگە قىزىقىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئىسپانىيەنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىنى قۇرۇشتا توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ۋىيېتنام ئۆزىنىڭ نىسبەتەن قالاق بولغان تۆمۈر يول سىستېمىسىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇ پىلانلار خانوينى سودا مەركىزى خو شى مىن (Ho Chi Minh) شەھىرى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان 1541 كىلومېتىر (958 مىل) ئۇزۇنلۇقتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسىنى قۇرۇش ۋە خىتاي بىلەن تۆمۈر يول ئالاقىسى ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى