ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
كالىفورنىيە ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرىغا قارشى سوتقا ئەرز سۇنغان تۇنجى ئىشتات بولدى
كالىفورنىيە تەرىپىدىن سوتقا سۇنۇلغان ئەرزنامەدە، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئامېرىكا ماللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمپورتچىسى بولۇشى سەۋەبىدىن، تاموژنا باجلىرىنىڭ خىراجىتىنىڭ «تەڭسىز ئۈلۈش» نى ئۈستىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
كالىفورنىيە ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرىغا قارشى سوتقا ئەرز سۇنغان تۇنجى ئىشتات بولدى
The law that Trump cites as authority for his new tariffs, the IEEPA, does not allow the president to "tax all goods entering the United States on a whim," the state said in its lawsuit. / Reuters
2025-يىلى4-ئاينىڭ17-كۈنى

كالىفورنىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرى سىياسىتىگە قارشى سوتقا ئەرز سۇنغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۇنجى ئىشتاتى بولدى.

كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نېۋسوم چارشەنبە كۈنى فېدېراتسىيە سوتىغا ترامپنىڭ دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىمىغان بولۇشىغا قارىماي

خەلقئارا ئىقتىسادىي جىددىي ھالەت ھوقۇقى قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ تاموژنا باجلىرىنى يولغا قويۇشىغا قارشى سوتقا ئەرز سۇنغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان ۋىدېئولۇق باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن كالىفورنىيە ئىشتاتى نامىدىن ترامپ ھاكىمىيىتىگە قارشى سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىمنى جاكارلىدىم.

دەرۋەقە، كالىفورنىيە دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشتاتى ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرىدىن بىرىدۇر. ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ زامانىۋى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك باج ئۆستۈرۈشنى بىر تەرەپلىمىلىك ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ جارى قىلىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىدە ھېچبىر ئىشتات كالىفورنىيەدەك زىيان تارتمايدۇ.

بۇ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا ئۆزى توپ كىرگۈزۈش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ زامانىۋى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۆز - ئۆزىنى يوق قىلىدىغان ئەڭ خەتەرلىك قەدەملەردىن بىرىدۇر.»

يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن تاموژنا بېجى  تەۋرىنىشلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىي زىياننىڭ ئەڭ چوڭ يۈكى، 40 مىليونلۇق نوپۇسى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %14 ىنى تەشكىل قىلىدىغان، ئىشىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.

گاۋىن نېۋسوم ترامپ ھاكىمىيىتىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر ئامېرىكا مۇستەقىل دۆلەت بولسا ئىدى، كالىفورنىيە دۇنيانىڭ بەشىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچى بولاتتى، ئەمما ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرى سىياسىتى سەۋەبىدىن خەلقئارا سودا ئىشلىرى كەينىگە چېكىنىپ كەتسە، كالىفورنىيە مىلياردلارچە دوللارلىق كىرىمدىن مەھرۇم قالىدۇ.»

 «ترامپنىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقى يوق»

 كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سوتقا سۇنغان ئەرزنامەسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا تاموژنا باجلىرىنى يولغا قويۇش ھوقۇقى دۆلەت مەجلىسىگە بېرىلگەن بولۇپ، ترامپنىڭ ئىلگىرى سۈرگنىدەك، پىرېزىدېنتنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي جىددىي ھالەت ھوقۇقى قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ بارلىق ماللاردىن خالىغانچە باج ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا باجلىرى تۈزۈمى ھازىردىن باشلاپلا ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىدىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى؛ پاي چېكى ۋە ئوبوروت بازارلىرىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى، بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا يۈزمىلياردلارچە دوللارلىق بازارلار قىممىتىنى يوقاتتى، پىرېزىدېنت تاموژنا باجلىرىنى ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلماستىن ياكى مەلۇم باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئىجرا قىلماستىن بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويغانلقتىن مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى، دۆلەتنى ئىقتىسادىي تۆۋەنلەش گىردابىغا ئىتتىرىش خەۋپى پەيدا قىلدى.

ئامېرىكا ئىشتاتلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ ئىمپورتچى ۋە دۇنيانىڭ بەشىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچى بولغان كالىفورنىيە ئىشتاتى، تاموژنا باجلىرى خىراجىتىنىڭ  <تەڭسىز ئۈلۈش> نى ئۈستىگە ئالماقتا.»

ئاقساراي باياناتچىسى كۇش دېساي چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نېۋسومنىڭ ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئورنىغا، ئىشتاتتىدىكى جىنايەت، ئۆي-ماكانسىزلىق ۋە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە قىممەتچىلىك مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن، ئامېرىكانىڭ سانائەتلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئىشچىلىرىمىزنى ئارقىدا قالدۇرغان بۇ دۆلەتلىك جىددىي مەسىلىلەرنى تاموژنا باجلىرىدىن تارتىپ مۇزاكىرىلەرگە قەدەر قول ئىلكىمىزدىكى بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئرادىسى قەتئىيدۇر.»

ترامپ ھاكىمىيىتى ھازىر ئۈچ خىل ئوخشاش ئەرزگە دۇچ كەلمەكتە:  بىرىنچىسى؛ Liberty Justice Center سودا قوغدىغۇچى گۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزى نىيۇ يورك شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا سودا سوت مەھكىمىسىدە بارلىق تاموژنا باجلىرىنى توسۇش مەقسىتىدە سوتقا سۇنغان ئەرزىدۇر. ئىككىنچىسى؛ فلورىدادىكى بىر كىچىك كارخانا خوجايىنىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان تاموژنا باجلىرىنى توسۇش مەقسىتىدە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە سۇنغا ئەرزىدۇر. ئۈچىنچىسى؛ مونتانادا كانادانىڭ ئالبېرتا ئىشتاتى ۋە مونتانادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەرلىك ئامېرىكا Blackfeet  قەبىلىسى ئەزالىرىنىڭ ترامپنىڭ كاناداغا قويغان تاموژنا باجلىرىنى توسۇش مەقسىتىدە سوتقا سۇنغان ئەرزىدۇر.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئېنېرگىيە كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەن كۇباغا ياردەم بېرىدۇ
سۈرىيە ئارمىيەسى ئامېرىكا كۈچلىرى چېكىنگەن ئەتتەنف بازىسىنى كونترول قىلدى
فىدان ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە ئەۋرىشىم ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ ئىراننى «ناھايىتى چوڭ ئىش بولىدىغانلىقى» بىلەن ئاگاھلاندۇردى
ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى باش كاتىپى قۇللۇق تۆلەم سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بارلىقىنى بىلدۈردى
ھىندونېزىيە: غەززە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 20 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن
خەلقئارا ياش سودىگەرلەر قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى