فىدان تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش نىشانىنى گەۋدىلەندۈردى

تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىران-ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ، ئەنقەرەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خاقان فىدان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لاممى بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىدىن بىرىنىڭ ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ھازىرقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان كېلىشىمگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۈشەنبە كۈنى (2025-يىلى 30-ئىيۇن) تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لاممى (David Lammy ) بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، ئەنقەرە بىلەن لوندوننىڭ بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەردە بىر قاتار  نىشانلارنى ئورتاقلىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان، ئەمما كۈچلۈك مۇناسىۋەتلىرى بولغان، ناتوغا ئەزا ئىككى دۆلەتمىز.»

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، مۇداپىئە ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىمىز 30 مىليارد دوللارلىق نىشانغا تەدرىجىي يېقىنلاشماقتا» دېدى.

ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يېڭىلاش

ئۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ يېقىنقى يىللاردا قەتئىيلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نىشانىمىز» دېدى.

ئۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە زور كۈچ چىقارغانلىقىنى، ھازىرقى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يېڭىلاشنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى كېڭەيتىشتە ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مۇداپىئە ساھەسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىقىمىز كۆرۈنەرلىك ياخشى ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. <ياۋرو فايتېر> (Eurofighter) ئايروپىلانى سېتىۋېلىشتىن تارتىپ باشقا بىرلەشمە تۈرلەرگىچە، شىركەتلىرىمىز ۋە ئورگانلىرىمىز ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا.»

ئۇ يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەت كۆز قاراشلىرىنىڭ غەززە ئۇرۇشى، سۈرىيە، ئىران، ئىراق ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق نۇرغۇن دۇنياۋى مەسىلىلەردە ماس كېلىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

ئىسرائىلىيە-ئىران مەسىلىسى

خاقان فىدان ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، كېلىشىمگە خىلاپلىق  قىلىنماسلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا يېتەكلىنىشى، بىزنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىمىزدىن بىرى.»

ئۇ مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«يەنە بىر تەرەپتىن، غەززەدىكى پاجىئەنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە مەسىلىنىڭ ئىككى دۆلەت فورمۇلا ئاساسىدا ھەل قىلىنىشى، بىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.»

ئۇ لاممىغا ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيەگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش قارارى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لاممى يېقىندا سۈرىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بىز ئۈچۈن مۇھىم ھەمكارلىق ساھەسى.»

 ئۇ سۈرىيەدىكى مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىكنىڭ رايون ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بىز بۇ ساھەدە ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ لاممىنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى.