خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خاككېرلار ئىراننىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلدى
خاككېرلار ئىراننىڭ سۈرگۈندىكى «تەخت ۋارىسى» نىڭ ئۇچۇرىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئىران دۆلەتلىك رادىيو-تېلېزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تارقىتىشىغا ھۇجۇم قىلدى.
خاككېرلار ئىراننىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلدى
خاككېرلار ئىراننىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلدى / Reuters
2026-يىلى1-ئاينىڭ19-كۈنى

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تارقىتىشىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قېلىشى داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار ۋە ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن ئىچكى قالايمىقانچىلىق كۈچىيىۋاتقان تېھرانغا تاشقى بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئاشكارىلانغان سىنلاردا خاككېرلارنىڭ ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تارقىتىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى، دۆلەتنىڭ سۈرگۈندىكى «تەخت ۋارىسى» نى قوللايدىغان ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى «خەلققە قورال تەڭلىمەسلىك» چاقىرىقى ئېلان قىلىندى. بۇ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردىن كېيىنكى ئەڭ يېڭى تارقىتىش توسقۇنلۇقى ھېسابلىنىدۇ.

يەكشەنبە كېچىسى يۈز بەرگەن بۇ تور ھۇجۇمى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دۆلەت ئۈچۈن قىزىل سىزىقلارنى بەلگىلىگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بىر مەزگىلدە مەيدانغا كەلدى. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا تۇرۇۋاتقان بىر ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى يېرىم كېچىدە سىنگاپوردىن ئۆتۈپ مالاككا بوغۇزىغا كىردى. بۇ يۆنىلىش ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنى ئوتتۇرا شەرققىمۇ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

يەكشەنبە كېچىسى تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەر، دۆلەتنىڭ رەسمىي رادىيو-تېلېزىيە ئورگىنى بولغان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (IRIB) غا ئائىت سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىش بېرىدىغان بىرنەچچە قانالدا كۆرۈلدى. ۋىدېيودا 1979-يىلىدىكى ئىران ئىنقىلابى بىلەن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى شاھنىڭ ئوغلى بولغان ۋە ئۆزىنى تەخت ۋارىسى دەپ ئېلان قىلغان رىزا پەھلىۋىنىڭ ئىككى پارچە كۆرۈنۈشىگە ئورۇن بېرىلدى؛ ئارقىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ۋە ئىران ساقچى فورمىسى كىيگەن كىشىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلدى.

كۆرۈنۈشلەردە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمەستىن، فورما كىيگەن كىشىلەرنىڭ «قوراللىرىنى تاشلىغانلىقى ۋە خەلققە سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قەسەم ئىچكەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلدى. رەسىملىك ئۇچۇرلارنىڭ بىرىدە «بۇ ئارمىيەگە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە بېرىلگەن بىر سىگنالدۇر. خەلققە قورال تەڭلىمەڭلار، ئىراننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خەلقنىڭ سېپىگە قېتىلىڭلار» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى.

ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنى بۈسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن ستارلىنك (Starlink) سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئىشلەتكەن كىشىلەر تەرىپىدىن چەت ئەللەردىن ھەمبەھىرلەنگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ كۆرۈنۈشلىرى، تور ھۇجۇمىنىڭ نۇرغۇن قاناللاردا بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەھلىۋىنىڭ تەشۋىقات گۇرۇپپىسىمۇ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلىدى.

يەكشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇم ئىران ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ تۇنجى قېتىم دەپسەندە قىلىنىشى ئەمەس. 1986-يىلى «ۋاشىنگتون پوست» گېزىتى، مەركىزىي ئىستخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ پەھلىۋىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىككى رادىيو-تېلېزىيە ئىستانسىسىنى قولغا چۈشۈرگەن 11 مىنۇتلۇق مەخپىي تارقىتىش ئۈچۈن «كىچىك تىپتىكى تېلېۋىزىيە تارقاتقۇچى» بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

دادىسى شاھ مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى 1979-يىلىدىكى ئىران ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى دۆلەتتىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى رىزا پەھلىۋى 8-يانۋاردا نامايىشچىلارنى كوچىغا چىقىشقا چاقىرغان ئىدى. ئەمما پەھلىۋىنىڭ ئىران ئىچىدە قانچىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ھازىرمۇ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان