سۈرىيەنىڭ سەدنايا تۈرمىسىدە بىر تونېل تېپىلدى

سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتىكى سەدنايا تۈرمىسىدە 1980-يىللاردا ياسالغان بىر تونېل تېپىلدى.

سۈرىيەنىڭ سەدنايا تۈرمىسىدە بىر تونېل تېپىلدى / TRT Uyghur

تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئەترەتلىرى سەدنايا تۈرمىسىدە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەترەتلەر سەدنايا تۈرمىسىدىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋامىدا 1980-يىللاردا ياسالغان بىر تونېلنى تاپتى.

تونېلنىڭ ئەتراپىنى قېزىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە 43 ئېغىر تىپلىق ماشىنا، 120 خادىم ۋە 4 ئىزدەش ئىتى قاتناشماقتا.

سەدنايا تۈرمىسى جايلاشقان رايون ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىنمۇ تەكشۈرۈلمەكتە.

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ رەئىسى ئوقاي مەمىش، تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋامىدا ئەترەتلەرنىڭ قىيىن-قىستاق ئەسۋابلىرىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.