خىتايدىن كېلىۋاتقان ئىران پاراخوتىنى ئامېرىكا تۇتۇپ قالدى، ئىران قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سودا پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

By
خىتايىدىن كېلىۋاتقان ئىران پاراخوتىنى ئامېرىكا تۇتۇپ قالدى، ئىران قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى / Reuters

ئىراننىڭ خاتەمۇل ئەنبىيا ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بىر سودا پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىىنى جەزملەشتۈرۈپ، «دېڭىز قاراقچىلىقى» دەپ سۈپەتلىگەن بۇ ھەرىكەتكە قارشى قايتۇرما زەربە بېرىشكە ۋەدە بەردى.

يېرىم رەسمىي تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىران خاتەمۇل ئەنبىيا ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئومان قولتۇقىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىر پاراخوتقا قىلىنغان ھۇجۇمنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

تېھران ئىران بايراقلىق پاراخوت تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، «دېڭىز قاراقچىلىقى» دەپ ئاتىغان بۇ ھەرىكەتكە قارشى «پات يېقىندا» ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابى: «تاجاۋۇزچى ئامېرىكا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ۋە دېڭىز قاراقچىلىقى قىلىپ، ئومان دېڭىزى تەۋەلىكىدە ئىراننىڭ سودا پاراخوتلىرىدىن بىرىگە ئوق چىقاردى ۋە يول باشلاش سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى» دېدى.

شۇنداقلا، خىتايدىن ئىرانغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان پاراخوتنىڭ، ئامېرىكىنىڭ «مەزكۇر پاراخوتنىڭ پالۇبىسىغا بىر قانچە تېررورچى دېڭىزچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كېيىن تۇتۇپ قېلىنغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

«قوراللىق بۇلاڭچىلىق»

ئىراننىڭ ئەڭ يۇقىرى ھەربىي قوماندانلىق قاتلىمى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ «قوراللىق بۇلاڭچىلىقى» غا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئىران دائىرىلىرى يەنە، ۋەقەدىن كېيىن ئىران قىسىملىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بەزى ھەربىي پاراخوتلىرىغا ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتتا: «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بۇ قوراللىق قاراقچىلىققا پات يېقىندا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ۋە ئۆچ ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىمىز» دېيىلدى.

ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى بۇ ۋەقەنىڭ ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە بىۋاسىتە خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.